تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

«تۆمۈر كالا» ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كۈچ قوشتى

   باھار شامىلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى سىيپاپ ئۆتتى، گۈلدۈرلەپ ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن «تۆمۈر كالا»لار مۇنبەت دالىدا شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. 1973-يىلى شىنجاڭ ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان دۇڭفاڭخۇڭ تىراكتورى ئېتىز باشلىرىدا ئۇچقاندەك قاتىراپ يۈرۈشتىن، بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى بوستانلىقلارغا تارقىلىشقىچە، نەچچە ئەۋلاد يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالدى.

   1973-يىلى باش باھاردا، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇڭفاڭخۇڭ تىراكتورى زاۋۇت ئۆيىدىن چىقتى، بۇ تىراكتور شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن بولۇپ، زەنجىر تاپانلىق قۇرۇلما چۆل-باياۋان ۋە تېرىلغۇ يەرلەرگە ماس كېلەتتى، ماشىنا گەۋدىسى ئېغىر، سۆرەش كۈچى كۈچلۈك، ئۆتۈشچانلىقى يۇقىرى ئىدى. ئۇلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ، تېرىقچىلىق مەشغۇلاتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاپ، ئادەم كۈچىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.

   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، شىنجاڭ كومبايىن زاۋۇتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان «شىنجاڭ__3» تىپلىق كومبايىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەملىكەت بويىچە بازار تېپىپ، «يېتەرلىك بولۇش»تىن «ياخشى ئىشلەتكىلى بولۇش»قىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇتاش كەتكەن ئېتىزلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشقا تۈرتكە بولدى.

   20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، شىنجاڭ كومبايىن زاۋۇتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «شىنجاڭ__ 3» تىپلىق كومبايىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

   بۈگۈنكى كۈندە، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. بېيدوۋ يول باشلاش سېسىتىمىسى دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىش، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش، ئاغدۇرۇش، تېرىش، باشقۇرۇش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ماشىنىلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن شىنجاڭدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90.28كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى ليەنچياڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا كومبايىنلار بۇغداي ئورۇماقتا. خې لۇڭ فوتوسى

  2022-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرى بورەنچى كەنتىدىكى بىر كېۋەزلىكتە دېھقانلار دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كېۋەز تېرىماقتا. ئەزىز سامساق فوتوسى

   دىزېل موتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەشكىچە، يەككە ماشىنىدىن پۈتۈن زەنجىرلىك جابدۇققىچە، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، «تۆمۈر كالا» جەمەتى سىجىل يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۇختا ۋاسىتىسى، تېخىمۇ مۇھىمى مول ھوسۇلنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى بولۇپ قالدى. باھاردىكى مۇنبەت تۇپراقتا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى زامانىۋىلىشىش ھالىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىماقتا.

  2024-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چوڭ بۇغرا بازىرى چوڭ بۇغرا كەنتىدىكى خېگۇ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قىزىلچا تېرىش بازىسىدا، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېتىزلىقتا قىزىلچىلارنى يىغىپ، شېكەر زاۋۇتىغا توشۇماقتا.

   «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.