2-ئاينىڭ ئاخىرى، تېمپېراتۇرىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى قاغىتۇر كەنتىدىكى 300 خويەن كىشمىش ئۈزۈمى پارنىكى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، تال-تال ئۈزۈم تاللىرىدىن يۇمران يېشىل يېڭى بىخلار چىققان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارتۇق شاخلارنى پۇتاش قاتارلىق ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىش، ئاسراش ئىشلىرىنى قىلىپ، ئۈزۈملەرنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
(ئاپتورلار: جاڭ كۇن، مىنەۋۋەر ھەبىبۇل ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






