

ئىسلاھاتتا پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قۇرۇق نامىلا بار ئوبراز قۇرۇلۇشى، خەلققە جاپا سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. يولغا قويۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل ۋاقتىدا بولۇش، مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
—— 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇشۇنداق كۆرسەتتى






