تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېۋەزلىكتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىراشلىقى

   2-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 29-تۇەندىكى كېۋەزلىكتە ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېيالكا ئېتىزدا تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلماقتا ئىدى، بۇ، بۇ شىنىڭ 700 مىڭ مو يەردىكى زىرىنى كېۋەز بىلەن كىرىشتۈرۈپ تېرىش، زىرىنى كۆممىقوناق بىلەن كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شى «كېۋەز + زىرە + كۆممىقوناق»نى كىرىشتۈرۈپ تېرىش يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى، ئىلگىرىكى نوقۇل كېۋەز ياكى كۆممىقوناق تېرىشقا قارىغاندا، ھەر مو يەردىن 400 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە، شەھەر بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 200 مىڭ مودىن ئاشتى. دۇ بىڭشۈن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.