تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، باھار بايرىملىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ مۇشەن بەيۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مۇشەن بەيۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار سوغۇق ساقلانغان يېڭى لەڭمەن چۆپىنى تەييارلىماقتا.
سوغۇق ساقلانغان يېڭى لەڭمەن ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ ئايلىنىۋاتاتتى، تىندۇرۇش ساندۇقىدىكى خېمىرلار يۇمشاق ئىدى، ئىشچىلار پاكىز ئىش كىيىمى، بېشىغا خىزمەت دوپپىسى كىيىپ، ئاقما لىنىيەدە پىششىق مەشغۇلات قىلىپ، ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ، ئوراپ قاچىلاپ، رەتلىك تىزىپ قويۇۋاتاتتى... بۇ قەدەم باسقۇچلار شۇنچىلىك تەرتىپلىك ئىدى. سوغۇق ساقلانغان يېڭى، ئېلاستىك لەڭمەنلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بويلاپ تېز سۈرئەتتە لىنىيەدىن چىقىپ، يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مۇشەن بەيۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار سوغۇق ساقلانغان يېڭى لەڭمەن چۆپىنى ئاقما لىنىيەگە قويماقتا.
باھار بايرىمىلىق بازارنى چىڭ تۇتۇپ، زاكاز تالونلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي تەييارلاش ئۈچۈن، سېخ پۈتۈن لىنىيە بويىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. شۇ كۈنگە قەدەر، كارخانا تاپشۇرۇۋالغان زاكاز 180 توننا بولۇپ، پۈتۈن يىللىق پىلاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى، مەھسۇلاتنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 15 مىڭدىن 20 مىڭ بولاققىچە بولدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىل كارخانا 50 مىليون يۈەنلىك سېتىش نىشانىنى بېكىتتى، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاي بۇرۇن تاماملاش مۆلچەرلەندى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مۇشەن بەيۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار سوغۇق ساقلانغان يېڭى لەڭمەننىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.
شىنجاڭچە تەمنىڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاماق ئۈستىلىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، شىركەت پۈتۈن مەملىكەتتە يەتتە چوڭ ئامباردا ساقلاش مەركىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش، يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئوراپ قاچىلانغان لەڭمەن ئەتىسى خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، يىراقتىكى گۇاڭدۇڭ، خېنەن قاتارلىق جايلارغىمۇ 48 سائەت ئىچىدە يېڭى پېتى يەتكۈزۈلدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مۇشەن بەيۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار سوغۇق ساقلانغان يېڭى لەڭمەننى تەييارلىماقتا.
ليۇ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل سوغۇق ساقلانغان يېڭى لەڭمەن پاتېنت ھۈنەر-سەنئىتى بويىچە ئېتىلىدىغان بولۇپ، ۋاكۇئۇملۇق مەنپىي بېسىم بىلەن خېمىردىكى ھاۋا تارتىپ چىقىرىلىپ، خېمىرنىڭ سۇ تەركىبى قۇلۇپلىنىدۇ؛ خېمىر پىلتىسىنى ياغقا چىلاپ ئىككىنچى قېتىم تىندۇرۇلىدۇ، قايتىدىن ئىشلەنگەن خېمىر تىرىك ھەم يۇمشاق چىقىدىغان بولۇپ، قولدا تارتىلغان تەمنى مۇكەممەل ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئىستېمال قىلىشمۇ ناھايىتى قولايلىق، ئېرىتىش ھاجەتسىز، لەڭمەننى ئىككىنچى قېتىم تارتمىسىمۇ بولىدۇ، قازانغا سېلىپ تۆت مىنۇت پىشۇرسىلا ئۈستەلگە ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ، تەملىك بولۇپلا قالماي، خاتىرجەم يېيەلەيسىز.»






