تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇزېي باھار بايرىمى مەزگىلىدە «تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 150تىن ئارتۇق ئېسىل پانۇس، 72 پارچە باھار بايرىمىلىق ياغاچ ئويما رەسىمنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلغان. خېمىر ھەيكەل، كەمپۈت قىيامىدا شەكىل چىقىرىش، قەغەز قىيما، ئۈجمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بىر سەھنىدە كۆرگەزمە قىلىندى، ۋارىسلار نەق مەيداندا قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنىڭ نەپىسلىكى ۋە ھۈنەرۋەنلەر قەلبىنى ھېس قىلدۇردى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى «ساپال ياساش ھۈنىرى» مەخسۇس كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، كىچىك دوست شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى «تۇرمۇشتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.