تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى باش باھاردا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى باركۆل ئولتۇراق رايونى ئىللىق كەيپىياتقا چۆمدى، ئولتۇراق رايوننىڭ 2-نومۇرلۇق بىناسىنىڭ كارىدورىدا بوش ئىما-ئىشارەت ئاۋازى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاھالە رەيھان پەخرىدىن بىلەن ئېرى ئابلەت پازىلنىڭ 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، گاس-گاچا قوشنىسى ما جىلىننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن داۋاملاشتۇرغانلىقىدەك ھېكايىسى قوشنىلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەسىرلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ، مەھەللىدىكىلەر تەرىپلەپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى باركۆل ئولتۇراق رايونىدىكى ما جىلىن( ئوڭدا)نىڭ ئۆيىدە، رەيھان پەخرىدىن(سولدا) ما جىلىننىڭ چېچىنى تاراپ قويماقتا
.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى بارىكۆل ئولتۇراق رايونىدىكى ما جىلىن (سولدا)نىڭ ئۆيىدە، رەيھان پەخرىدىن (ئوڭدا) ئۇنىڭ بىلەن بارماق تىلى ئارقىلىق پاراڭلاشماقتا.
بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن رەيھان پەخرىدىننىڭ ما جىلىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تيەنماۋ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىكى بىللە ئىشلىگەن ۋاقىتتا باشلانغان. شۇ چاغدا ئىككىيلەن خىزمەتداش بولۇش سۈپىتىدە ئۆزئارا ياردەم بېرەتتى، بىر-بىرى بىلەن بولغان تىل ئالاقىسى گەرچە ئۇنچە بەك راۋان بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆز ئارا ماسلىشىپ ۋە خىزمەت جەريانىدا بىر -بىرىگە ئىلھام بېرىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆپ قېتىم ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان، بۇ خىزمەتداشلىق مېھرى كېيىنكى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا ئاساس سالغانىدى.
2002-يىلى، ئىككىيلەن قوشنا بولۇپ قالدى. ما جىلىننىڭ يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، يېتىپ-قوپۇشىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، قىزغىن رەيھان شۇ ھامان ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى، ئېرى ئابلەت پازىل پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سېپىگە قوشۇلدى، بۇ جەرياندا ئۇلار 22 يىل ما جىلىننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقنى رەيھان كۆڭۈل قويۇپ ئېتەتتى، ئابلەت پازىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن ما جىلىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ بېرەتتى، مەيلى تومۇز ئىسسىق ياكى قەھرىتان قىش بولسۇن، ئەزەلدىن ئۈزۈپ قويمايتتى؛ پىكىر ئالماشتۇرۇش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، رەيھان بارماق تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، قايتا-قايتا مەشىق قىلىپ، كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئالدى، ئابلەت پازىل دائىم بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئىلھام بەردى، ئەڭ ئاخىرىدا رەيھان ما جىلىننىڭ «مەخسۇس تەرجىمانى» بولۇپ قالدى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۇنىڭغا تاشقى دۇنيا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بەردى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، رەيھاننىڭ ئېرى ئابلەت پازىل (سولدا) ما جىلىنغا ئۆزى ئەتكەن لەغمەننى ئەكىلىپ بەردى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى باركۆل ئولتۇراق رايونىدىكى ما جىلىننىڭ ئۆيىدە، رەيھان پەخرىدىن (ئوڭدا) موماينىڭ ئۆيىنى يىغىشتۇرۇشۇپ بەرمەكتە.

2ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى رەيھاننىڭ ئېرى ئابلەت پازىل ( سولدا ) ما جىلىنغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلدى ھەمدە بارماق تىلى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇردى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، رەيھاننىڭ ئېرى ئابلەت پازىل (سولدا) ما جىلىنغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلماقتا ھەمدە بارماق تىلى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى باركۆل ئولتۇراق رايونىدىكى ما جىلىن (ئوڭدا)نىڭ ئۆيىدە، ما جىلىن رەيھان پەخرىدىن (سولدا)دىن ئۆگەنگەن ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى باركۆل ئولتۇراق رايونىدىكى ما جىلىن (ئوڭدا)نىڭ ئۆيىدە، رەيھان پەخرىدىن(سولدا) بوۋاي بىلەن بىللە گۈللەرنى سۇغارماقتا.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى ئېرداۋچياۋ مەھەللىسى باركۆل ئولتۇراق رايونىدا رەيھان پەخرىدىن (ئوڭدا) ۋە مەھەللە كادىرلىرى ما جىلىن (سولدا)غا باھار بايرىمىلىق چۇنليەن چاپلاپ بەردى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى، رەيھان پەخرىدىن بىلەن ئېرى ئابلەت پازىل ئۆيىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىككىيلەن ئېرىشكەن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى رەتلىمەكتە.
2019-يىلى، ما جىلىنغا سۈت بېزى راكى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، رەيھان ئېرى ئابلەت پازىل بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا 40 نەچچە كۈن ياتتى. رەيھان كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، بارماق تىلى ئارقىلىق تەسەللى ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت يەتكۈزدى؛ ئابلەت پازىل دوختۇر ئىزدەش، تۇرمۇش لازىملىقلىرى سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئارقا سەپ ئېغىر يۈكىنى ئۈن-تىنسىز زىممىسىگە ئالدى، ئەر-خوتۇن ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ ما جىلىننىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ھەمراھ بولدى. ھازىر 83 ياشقا كىرگەن ما جىلىننىڭ ئىككىيلەننىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن تېنى ساغلام بولۇپ، ئۈچەيلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلماي، خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك چىقىشىپ ئۆتىدۇ. «ئۇ ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى، ئېرىم ئىككىمىز ئۇنى تاشلاپ قويالمايمىز». رەيھانگۈلنىڭ سۆزى ناھايىتى ئاددىي ھەم سەمىمىي ئىدى.
ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، يىلمۇيىل ئىللىقلىق يەتكۈزدى. رەيھان پەخرىدىن ئاددىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەھەللىدە ئېچىلدۇرۇپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.






