تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى 170 مىڭ تۈپ خۇديېلەن رۇسىيەگە سېتىلدى

  2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ۋەنرۇيفېڭ گۈل-گىياھ بازىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا خىزمەتچىلەر خۇديېلەننى توشۇماقتا.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ) نەچچە ئون مىڭلىغان خۇديېلەن بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ گۈزەل تۈسكە كىردى. 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 29-تۇەنگە جايلاشقان شىنجاڭ ۋەنرۇيفېڭ گۈل-گىياھ بازىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا، ئىشچىلار خۇديېلەننى تاللاش، ئوراپ قاچىلاش، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋە رۇسىيە بازارلىرىغا ئەۋەتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى ئەشيا ئوبوروتىدا سۈرئەتنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ پايدىسىدىن بۇ بازا رۇسىيەگە ئالتە تۈركۈم قېتىمغا ئايرىپ، 170 مىڭ تۈپ خۇديېلەننى ئېكسپورت قىلدى، ئېكسپورتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يەتتى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچىلەر خۇديېلەننى رەتلىمەكتە.

   شىنجاڭ ۋەنرۇنفېڭ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىسسىق بەلباغ گۈلىگە تەۋە خۇديېلەننىڭ توشۇشقا بولغان ۋاقىت-ئۈنۈم جەھەتتىكى تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغانلىقى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەچكە، ھەر قېتىملىق توشۇش خىراجىتىدە تەخمىنەن 2000 يۈەن تېجىيەلەيدىغان بولدۇق. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئارقىلىق گۈل-گىياھ بازىسى بىلەن قورغاس پورتى ئارىسىدا كۆپ قېتىم قاتناپ، تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، خۇديېلەننى رۇسىيە بازىرىغا يېڭى پېتى بىۋاسىتە توشۇش ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولدى.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر خۇديېلەننى تاماشا قىلماقتا.

   نۆۋەتتە، بۇ گۈل-گىياھ بازىسىدا مايسا يېتىشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. كارخانا 2-قاراردا 16 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك سېلىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4200 كىۋادىرات مېتىرلىق قۇرۇلۇش پۈتتى ھەم ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كەلگۈسىدە، كارخانا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ سېتىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپلەشكەن خۇديېلەن كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، گۈل-گىياھلارنى پارچە سېتىش، تاماشا قىلىش-ھېس قىلىش بىلەن يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ساياھەتچىلىكنى گۈل ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ.

  2-ئاينىڭ 25-كۈنى، پورەكلەپ ئېچىلغان خۇديېلەن.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، پورەكلەپ ئېچىلغان خۇديېلەن.

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، پورەكلەپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خۇديېلەن غۇنچىسى.

 

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر خۇديېلەننى تاماشا قىلماقتا.

  2-ئاينىڭ 25-كۈنى، خىزمەتچىلەر خۇديېلەننى توشۇماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.