
ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكى پارنىكى ئىچىدە سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلماقتا.
ئەزەرجان ئەخمەت فوتوسى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسىنىڭ ئويمان كارىز كەنتىدىكى دېھقانلار پارنىكىدا، دەرەخلەرنى ئۆرۈك چېچەكلىرى قاپلىدى، ئاق ۋە ھال رەڭلىك چېچەكلەر ئەتراپنى قاپلاپ، خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارالدى، ھاياتىي كۈچكە تولغان باھار مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى داكا قىلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىك يۇغۇرۇلغان «بېيىش گۈللىرى» باھاردا ئاستا-ئاستا ئېچىلدى.
«ئائىلىمىزنىڭ بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا جەمئىي ئالتە ئۆرۈك چېچىكى پارنىكىمىز بار، ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەيدۇ، ھازىر راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى.» پارنىكنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چېڭيۈ بىر تەرەپتىن دەرەخ شېخىدىكى ئۆرۈك چېچىكىنى پەرۋىش قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھاردا ئارام ئېلىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى، «ھەر كۈنى تەخمىنەن بىر-ئىككى يۈز ساياھەتچى كېلىپ داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشىدۇ، ئادەم ناھايىتى كۆپ».
ۋاڭ چېڭيۈنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى دەل يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
«يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىككە ئوت يۇرتىنىڭ باھار ھىدىنى ئالدىن ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت كوللېكتىپى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتۇق» دېدى. ۋاڭ چېڭيۈ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئۈستىدە كۆپ يىل چوڭقۇر ئىزدەنگەنلىكىنى، ھازىر ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات يولىنى ئاچقانلىقىنى، شۇنداقلا نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىپ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆرۈك چېچىكى پارنىكى ئىچىدە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.
ئەزەرجان ئەخمەت فوتوسى
پارنىكقا مەنزىرە تاماشا قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، كۆپچىلىك گۈل دېڭىزىدا توختاپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، باھارنىڭ گۈزەللىكىنى قانغۇچە ھېس قىلدى.
شەھەر ئاھالىسى ئۈمىد ئوسمان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەلگەن بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى: «بۈگۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلدىم، ھازىر تۇرپاننىڭ ھاۋاسى بەك ئىللىق، پارنىكتىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى ئېچىلىپ، بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە چېچەك سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، قويۇق باھار مەنزىرىسىنى ئالدىن ھېس قىلدىم، ناھايىتى خۇشال بولدۇم!»
ساياھەتچىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى باھارغا ئىللىقلىق قوشۇپلا قالماي، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش كەسپ ھالىتى ئېلىپ كەلگەن خەلق تۇرمۇشى بەخت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى. (ئىدىقۇت رايونى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ پىراكتىكانت مۇخبىرى ئەزەرجان ئەخمەت)
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






