ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
باھار بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەردە، باھار بايرىمى كەيپىياتى بىلەن ھاياتىي كۈچ گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. ھەممە ئائىلە خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمگەن بولۇپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرى، باقمىچىلىق رايونى، پارنىكلاردا كىشلەر يەنىلا ئالدىراش ئىدى. يۇرتداشلار ۋە تېخنىكلار ياخشى ۋاقىت مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا دەخلى يەتكۈزمەي، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرشچانلىقى ئارقىلىق بىر يىللىق ئۈمىدىنى قوغدىدى. كۆپچىلىك ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇشقا ئاتلىنىپ، ھەممە جايدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، باھار بايرىمىلىق خۇشاللىققا تولغان ھەم مول ئەمگەك كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، يوپۇغا ۋەنباڭ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا، تېخنىكلار ئىشچىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، كۈندىلىك ئىنچىكە چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات خاتىرىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ 22-كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى توسونخاشا غەربىي كەنتىدىكى باقمىچى چېن تۇڭ قوي قوتىنىدا قوزىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇ تۆل ئېلىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، قوي نەسلىنى ياخشىلاشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قوي سۈپىتى ۋە باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى باش لاسكۇي كەنتىدىكى پارنىكتا، تېخنىكلار كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، نەق مەيداندا تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ پارنىك ئىچى تېمپېراتۇرىسى، نەملىكىنى ئىلمىي تەڭشەپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ كۆكتات كەسىپلەر يۇغۇرما ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، خىزمەتچىلەر ئالدىراش ھالدا مېۋە شوخلا «كاشىخۇڭ»نى ئۈزۈپ، ئايرىپ، ئوراپ قاچىلاپ، بۇ «باھار بايرىمىلىق شېرىن تەم»نىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋاقتىدا توشۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرىدىكى بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېرىقچىلىق بازىسىدا، موگۇ جازىسىغا زەمبۇرۇغ كالتىكى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەر بىر يېتىلگەن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كۈنلۈككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، ئىشچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈۋاتاتتى.
(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ رەتلىگەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






