ئات يىلى كاتتا ئامەت ئېلىپ كەلدى، مەدەنىيەت-ساياھەتتە تۇنجى ئىش غەلىبىلىك باشلاندى.
2-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بىلەن ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، 2026-يىلى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە جەمئىي توققۇز كۈن) ئۈرۈمچى شەھىرى 3 مىليون 762 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر خىراجىتى 3 مىليارد 904 مىليون يۈەن بولغان. قار-مۇز ساياھىتى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھىتى، ئوماق ھايۋانلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ساياھىتى قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلۇپ، 200 تۈردىن ئارتۇق خاس مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا بىر مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك باھار بايرىمىلىق كاتتا زىياپەتنى سۇندى.

2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ سارداۋان يېزىسى بەيياڭگۇ كەنتىگە جايلاشقان لىۋەنت قەھۋەخانىسىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى چاي، بەزىلىرى قەھۋە ئىچكەچ نەنسەندىكى قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە بەھىرلەنمەكتە. مۇخبىر چېن يەن فوتوسى
دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «كۈمۈش لىباس» كىيگەن قار-مۇز دۇنياسى شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان ئاۋات جايلارغا ئايلاندى، پۈتۈن شەھەردىكى يەتتە S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى جەمئىي 103 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.29 ئاشتى. نەنسەن يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا «قار تېيىلىش مەيدانىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» باش تېمىسىدىكى ساليوت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، قار تېيىلىش مەيدانى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۇچقاندەك تېيىلىپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلدى، كىشىلەر تۈرلۈك قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئويناپ، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە قىش كۈنلىرىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى.

2-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى نەنسەن يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنىڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز خۇشاللىقتىن قانغۇچە بەھىرلەنمەكتە. مۇخبىر چېن يەن فوتوسى
مەدەنىيەت-ساياھەت يەر بەلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا چوڭ بازار دەم ئېلىش مەزگىلىدە 1 مىليون 52 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.63 ئاشتى. بۇ يەردە لۇڭ ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئويۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاندى، خاس مەززىلىك تائاملار كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، ھەممە يەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مول بولغان مەدەنىيەت-ساياھەت تەمىناتى، سەمىمىي بولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى خۇشال، ئىناق كەيپىياتتا باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.

2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا پىيادە ئايلانماقتا. مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى
دۆلەت گۆھىرى مۈشۈكئېيىقنىڭ نامايان بولۇشى باھار بايرىمىلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدىكى ئالاھىدە يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەنزىرە رايونى، باغچىلارغا بېرىشنى ئالدىن زاكاز قىلىدىغانلار سانىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. تۇڭچېڭ ساياھەتچىلىكى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان «2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت ئىستېمالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىشنى ئالدىن زاكاز قىلغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %280 ئاشقان.
2-ئاينىڭ 19-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 3-كۈنى) سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى ھايۋانات باغچا رايونى (مۈشۈكئېيىق سارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، مۈشۈكئېيىق «باۋيۈەن» بىلەن «دېرۇي» شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشۈپ، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ئوماق تۈس ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى. سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىغان مەزگىلدە توردا ۋاقىتقا ئايرىپ ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، باھار بايرىمىلىق بېلەت باھاسىدا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنى نامىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك تەرتىپلىك ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەدەنىي تاماشا قىلىپ، دۆلەت گۆھىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتا ھېس قىلدى، مۈشۈكئېيىق باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى قاتناش ۋە كۆرۈنۈش-بېزەكلەر بايراملىق خۇشال كەيپىياتنى يەنىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ بىللە ساياھەت قىلىشىدىكى قىزغىن تاللىشىغا ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر مۈشۈكئېيىق «دېرۇي»نى سۈرەتكە تارتماقتا. مۇخبىر چېن شىڭيۈ فوتوسى
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى «قار ـ مۇز +»نى چۆرىدەپ ئون خاس لىنىيەنى يولغا قويدى، بۇ، قار تېيىلىش مەيدانى، مۇزېي، خاس كوچا رايونى قاتارلىق يادرولۇق مەيدان-سورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن كۆپ خىللىققا ئىگە تەسىراتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىش پەسلىدىكى «سوغۇق بايلىق»نىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت «ئىسسىق ئىقتىساد»ىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان 200 تۈردىن ئارتۇق ئۆزگىچە مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە خەلق ئۆرپ-ئادىتى پائالىيىتى ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلەش، مودا بولغان جايلارنى داكا قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزىيلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىغان ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. 2-نۆۋەتلىك «داقا-دۇمباق چېلىپ لۇڭ ئۇسسۇلى ئويناش» تېمىسىدىكى كوچا ئويۇنى كۆركى قىزغىن ئورۇنلاندى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر-سەنئەت كۆرىكى، باھار بايرىمىلىق رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەرقايسى چوڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى-مۇزېي مەيدان-سارايلاردا ئۆزگىچە كۆرگەزمىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ ھەم شىچۈ تىياتىرى كۆرىكى، سىمفونىيە مۇزىكا كېچىلىكى، توكوۋشيۇ ماھارىتى قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ئويۇنلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
«ئۈرۈمچى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






