باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە
ئائىلىدىكىلەر، دوستلار جەم بولىدۇ
لېكىن قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ بايرامنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە
ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىنى «دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش»كە بولمايدۇ
نۇرغۇن كىشى
«ئازراق ھاراق ئىچسە ئاپتوموبىل ھەيدەشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ»
«تۈنۈگۈن كەچتە ھاراق ئىچىپ، بۈگۈن ئاپتوموبىل ھەيدىسە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھېسابلانمايدۇ»
دېگەندەك قاراشلاردا بولىدۇ
ئەمەلىيەتتە
ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىق مەستلىكتىن يېشىلگەنلىككە ۋەكىللىك قىلمايدۇ!
01
____________________________________
«تۈنۈگۈن كەچتە ئىچكەن ھاراق»، «ئالدىنقى قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا ئىچكەن ھاراق» دېگەن نېمە؟
ھاراق ئىچىپ ئاۋارىگەرچىلىك پەيدا قىلىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
«تۈنۈگۈن كەچتە ئىچكەن ھاراق»، «ئالدىنقى قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا ئىچكەن ھاراق» دېگەنلىك، بەزى شوپۇرلارنىڭ چۈشتە ياكى كەچتە ھاراق ئىچىپ، بىر مەزگىل ئارام ئالغاندىن كېيىن ياكى بىر كېچىدىن كېيىن، ئىسپىرت مېتابولىزمى ئاخىرلاشتى دەپ قاراپ، داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا «ئادەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان، لېكىن مەستلىكتىن يېشىلمىگەن» ھالەتتە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسپىرتنىڭ مېتابولىزم سۈرئىتى ھاراق ئىچىش مىقدارى، بەدەن ئېغىرلىقى، جىنسى، مېتابولىزم ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئوخشاش بىر ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئىسپىرتنىڭ مېتابولىزم سۈرئىتىدە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە بىر كېچە ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بەدەندىكى ئىسپىرت يەنىلا تولۇق مېتابولىزم بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ھەيدەش يەنىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ دەم ئېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يىغىلىش كۆپ بولىدۇ، ئەگەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە ھاراقنى كۆپ ئىچسە، ئەتىسى ئەتىگەندە چوقۇم ئالدىراپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ئىسپىرت ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۆلچەپ بېقىش ياكى يېتەرلىك ۋاقىت ساقلاپ ئىسپىرتنىڭ پۈتۈنلەي مېتابولىزمىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدەش كېرەك.

«تۈنۈگۈن كەچتە ئىچكەن ھاراق»نىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇنداق قىلىش لازىم:
● ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاز دېگەندە 24 سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئىسپىرتنى تولۇق پارچىلاشقا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىش، قالدۇق ئىسپىرتنىڭ ھەيدەش ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
● يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئىسپىرت تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن توغرا تەكشۈرۈپ، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 20mg/100ml دىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدەش كېرەك.
● ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش مۇلازىمىتى ياكى ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تاللاپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.
02
____________________________________
بۇ بىر قانچە چوڭ خاتا قاراشقا ھەرگىز ئىشەنمەڭ
بىرىنچى خاتا قاراش: ئازراق ھاراق ئىچسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئاپتوموبىل ھەيدىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ خىل قاراشتا خاتا ھالدا «روشەن مەست بولۇش ئالامەتلىرى يوق» دېگەن سۆز «بىخەتەر ھەيدەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان» دېگەنگە ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك. دۆلەتنىڭ «ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قان، نەپەس(تىنىق)تىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ چەك قىممىتى ۋە تەكشۈرۈش» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى بېكىتىش ئۆلچىمى: قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 20mg/100mlدىن يۇقىرى ۋە ياكى تەڭ بولسا، ھەمدە 80mg/100mlتىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولسا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى دەپ بېكىتىلىدۇ؛ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 80mg/100mlتىن يۇقىرى ياكى تەڭ بولسا، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى دەپ بېكىتىلىدۇ. ئىسپىرت ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىنكاس سۈرئىتى ئاستىلاپ، مەشغۇلاتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناچارلىشىپ، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىقتىدارى ماھىيەتلىك تۆۋەنلەپ، ئاسانلا بىخەتەرلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىككىنچى خاتا قاراش: ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى ھەيدىمەي ئىتتىرىپ ماڭسا قانۇنغا خىلاپ ئەمەس
ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ خىل قاراشتا ئاپتوموبىلنى ئىتتىرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى يول قاتنىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە، شۇنداقلا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن جىسمانىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىگە سەل قارالغان. قانۇن ئېنىقلىمىسىدىن قارىغاندا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھالىتى»، «ئاپتوموبىل ھەيدەش ھەرىكىتى»، «يول بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ شەرتنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك، ئاپتوموبىلنى ئىتتىرگەندە ئاپتوموبىلنىڭ يادرولۇق زاپچاسلىرىنى تىزگىنلەيدىغان ئادەم يوق، ئاپتوموبىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈرمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئېڭى بار بولۇپ، ئادەتتە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ بېكىتىلمەيدۇ، لېكىن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ، جىسمانىي كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاپتوموبىلنى ئىتتىرگەندە ئاپتوموبىلنىڭ سىيرىلىپ مېڭىشىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاسانلا سوقۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ ياكى باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە ئاسانلا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئەگەر سوقۇلۇش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈزبەرسە، يەنىلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئاپتوموبىل يۆتكەش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس
ھەقىقىي ئەھۋال: بۇ قىلمىشتا ئولتۇراق رايون يولىنىڭ ئاممىۋى قاتناش خۇسۇسىيىتىگە، شۇنداقلا ئىسپىرتنىڭ مەشغۇلاتقا ھۆكۈم قىلىشقا بولغان تەسىرىگە سەل قارىغان، قىسقا ئارىلىققا يۆتكىگەن تەقدىردىمۇ بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قانۇندا بەلگىلەنگەن «يول» تاشيول، شەھەر يولىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش ئورنى، ئېچىۋېتىلگەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئاپتوموبىلنى يۆتكەش ئارىلىقى قىسقا، مۇھىتى نىسبەتەن يېپىق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، پىيادىلەر ياكى باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە، بۇ خىل قىلمىش كۆرۈنەرلىك يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدۇ دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن، لېكىن يەنىلا يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش بولغاچقا، ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
تۆتىنچى خاتا قاراش: دەنخۇاڭپەي (蛋黄派) بولكىسى يېسە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ بېكىتىلىدۇ
ھەقىقىي ئەھۋال: دەنخۇاڭپەي بولكىسى يېيىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەسلىنىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈش سانلىق قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى تىپىك «ساختا ھالەتتىكى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش» ھېسابلىنىدۇ. دەنخۇاڭپەي بولكىسى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىدە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتنى چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئىسپىرت ئېغىز بوشلۇقىدا قىسقا ۋاقىت ساقلىنىپ قالىدۇ، قانغا ئۆتمەيدۇ، ئادەتتە 10~5 مىنۇتتىلا تەبىئىي پارلىنىدۇ. دۆلىتىمىز قانۇنىدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ھۆكۈم قىلىشنىڭ يادرولۇق ئاساسى قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، نەپەسلىنىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ئەمەس. دەنخۇاڭپەي بولكىسى قاتارلىق تەركىبىدە ئاز مىقداردا ئىسپىرت بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، قانۇن مەنىسىدىكى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش شەكىللەنمەيدۇ.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






