جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ
25 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى:
25 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن 5 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 6 مىس مېدال بولۇپ جەمئىي 15 مېدالغا ئېرىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان - شەرەپ كەلتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھى، ئولىمپىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەر ئىستىل ۋە يۈكسەك ماھارىتىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار، جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار. سىلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىپ، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىن ھېسسىياتى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتۇڭلار.
سىلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى
گوۋۇيۈەن
2026 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)






