تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ
«ھامما، بۇ كەمپۈت بەك تەملىك ئىكەن.» «ھامما، مەن بىلەن بىللە ئويۇن ئويناڭە.» «ھامما ...» 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جېنئەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى جېنئەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى شەنشۈي يايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيدە تۆت ياشلىق لىن يەنخاۋ گۈلساغات ئاغزاننىڭ يېنىدىن كەتمەي توختىماي چۇڭۇلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
«ھامما» دەپ ئاتالغان گۈلساغات «جېنئەن» كوچىسى چىداۋان شەرقىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى. باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى گۈلساغات مەھەللىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، تەۋەلىكنى چارلاپ، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار ۋە ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارنى يوقلىدى.
2-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۈلساغات ئاغزان يىڭ لىجېن ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى
گۈلساغات خىزمىتىنى تۈگىتىپ، ياشانغانلار ۋە بالىلار ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، شەنشۈي يايۈەن مەھەللىسىگە كەلدى. «خاۋ خاۋنىڭ مومىسى يىڭ لىجېن 70 ياش، بوۋىسى لىن زۇچىڭ 84 ياش، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى، مەن ئادەتتە ئۇلاردىن ئەنسىرەپ، پات-پات كېلىپ يوقلاپ تۇرىمەن» دېدى گۈلساغات، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزاق مەزگىل بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرغاچقا، ياشانغانلار ۋە بالىلار ئۇنىڭغا چوڭقۇر رىشتە باغلىغان، ئۇمۇ ياشانغانلار بىلەن بالىلارنىڭ ھالىدىن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك خەۋەر ئالىدىكەن.
«مەن گۈلساغاتنى ئۆز قىزىم دەپ بىلىمەن، خاۋ خاۋ ئۇنى كۆرمىسىلا ھاممام قاچان كېلىدۇ دەپ سورايدۇ، ئۇ كەلسە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋېلىپ ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەيدۇ» دېدى يىڭ لىجېن.
بۇ «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ، بالا ھاممىسى بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بوۋىسى بىلەن مومىسىمۇ دائىم بالىسىنى ھاممىسىغا يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشكە چاقىرىدۇ. ئىككى ياشانغان كىشى: «گۈلساغات بىزنىڭ قىزىمىز» دەيدۇ.
ئىككى يىل ئىلگىرى يىڭ لىجېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چىداۋان شەرقىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتى، گۈلساغات ئىجارە ئۆيگە كېلىپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بوۋاينى، يۆگەكتىكى خاۋخاۋنى كۆردى، ئۇلار باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج ئىدى.
گۈلساغات ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن شۇنى بىلدىكى، لىن يەنخاۋنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، خاۋ خاۋ دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇزاق ئۆتمەي دادىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغان، خاۋ خاۋ نۆۋەتتە بوۋا-مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان.
«تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك بىئارام بولدۇم، بۇ تاغىمىز ۋە ھاممىمىزغا بەك ئىچىم ئاغرىدى» دېدى گۈلساغات يىڭ لىجېننىڭ قولىنى تۇتۇپ سىيلىغىنىچە. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈن-تىنسىز ئۈستىگە ئالدى، ئادەتتە مومايغا كۆكتات، دورا، كىيىم-كېچەك، ئاياغ ئېلىپ بېرەتتى. «دەسلەپتە خاۋخاۋ مېنى ھەدە دەپ چاقىردى، كېيىن ھامما دەپ چاقىردى، بوۋايمۇ مېنى ئۆزىنىڭ قىزى دەپ بىلدى» دېدى گۈلساغات.

2-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۈلساغات ئاغزان يىڭ لىجېن ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. تىيانشان تور-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ فوتوسى
2025-يىلى، گۈلساغات بوۋاينىڭ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى. «ئۇ ماڭا ياردەملىشىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەردى، جىددىي ئالاقىلاشقۇچىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويىمەن، ئۇ بولسىلا، بىز خاتىرجەم بولىدىكەنمىز» دېدى يىڭ لىجېن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
2025 -يىلى 10-ئايدا، يىڭ لىجېن ئائىلىسىدىكىلەر 48 كىۋادرات مېتىرلىق ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ئۆينىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال بولدى. «بالىنىڭ ھاممىسى بىزگە چوڭ ياردەم قىلدى» دېدى لىن زۇچىڭ.
تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، يىڭ لىجېن ئالايىتەن مەھەللىگە بېرىپ، گۈلساغاتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى. 2026-يىلى، گۈلساغات جېنئەن كوچىسى كوچا باشقارمىسىدىكى كىچىك نۇرلۇق شەخس بولۇپ باھالىنىپ، كوچا سىن نومۇرى «小振邻里» ئارقىلىق، كوچا مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئاددىي قەھرىمانغا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە تۇرۇشلۇق جايلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراقلىغان بولسىمۇ، گۈلساغاتنىڭ بۇ ئائىلىدىكى ياشانغان بىر جۈپ كىشى ۋە بالا بىلەن بولغان رىشتى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ھارپا كۈنى بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال-خۇرام باھار بايرىمىق چۇنليەن چاپلاپ، بىللە «福» خېتىنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشتى.
ھاممىسىنىڭ مەھەللىگە قايتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، لىن يەنخاۋ گۈلساغاتنىڭ قۇچىقىغا چىڭ يېپىشىۋېلىپ ئۇنى كەتكىلى قويمىدى، يىڭ لىجېن پەس ئاۋازدا: «ھامماڭ ئىشقا بېرىشى كېرەك، ھارپا كېچىسى تامىقى تەييار بولغاندا، ھامماڭ يەنە قايتىپ كېلىدۇ» دېدى. ئارقىدىنلا يەنە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى ھارپىسىدا، گۈلساغات ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە ھەمراھ بولدى، بىر ئائىلىلىك جەم بولدۇق».






