باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى، پارنىكلار ئىللىق تۈسكە كىرىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش، يىغىش، مايسا يېتىشتۈرۈش پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق باھار بايرىمىدا كىرىمنى ئاشۇرۇشتا يېڭى سەھىپە يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قىشلىق مەنزىرىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى «كاشىخۇڭ» كەسىپلەر بازىسى قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى، شۇ جاينىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىكى خاس ئۈلگە بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكلاردا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى، خىزمەتچى خادىملار ئۈزۈش، تاللاپ ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بازا يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كاشىخۇڭ» داڭلىق ماركىسىغا تايىنىپ، ئىستىراھەت قىلىش-مېۋە ئۈزۈش، ئۆزگىچە ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قەدىمىنى توختاتماي باھار بايرىمىدا كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

پەيزاۋات ناھىيەلىك كۆكتات كەسپىلەر يۇغۇرما ئۈلگە باغچىسىدا «كاشىخۇڭ»دىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئىشچىلار شوخلا ئۈزمەكتە. قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى پىراكتىكانت مۇخبىرى ۋېي شۈشېڭ فوتوسى
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسىدا ئوخشاشلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى نامايان بولدى. يۇقىرى ئۆلچەملىك پارنىكلار قاتار كەتكەن بولۇپ، پارنىكتا ھەرخىل خاس مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، شۇ جايدىكى ئامما ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىپ، مايسا ئەھۋالىنى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش، شاخ-يوپۇرماقلارنى رەتلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى پارنىكتا ئىشچىلار شوخلا كۆكىنىڭ ئۇچىنى ئۈزمەكتە. قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن ۋېنجۈن فوتوسى
يەكەن ناھىيەسى چۆللۈك كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىلگىرىكى قاقاسلىق «خەزىنە»گە ئايلانغان بولۇپ، پارنىكتا ھەر خىل مېۋە-كۆكتاتلار ياخشى ئۆسكەنىدى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا، ئىنچىكە باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي قوللىنىپ، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. كەسىپلەر باغچىسى مەۋقەنى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا قويۇپ، مېۋە-كۆكتات ئۈزۈشنى ھېس قىلىش رايونى بەرپا قىلدى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى، بۇ ھەم مېۋە-كۆكتاتلارنى بىۋاسىتە سېتىشقا تۈرتكە بولدى ھەم ئاممىنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن يېزا-كەنت ساياھىتىگە تايىنىپ ئىشىكى ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كەسىپلەر باغچىسى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش، چۆللۈكنى سەيلە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

يەكەن ناھىيەسى چۆللۈك كەسىپلەر باغچىسىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن ۋېنجۈن فوتوسى

يەكەن ناھىيەسى چۆللۈك كەسىپلەر باغچىسىدا ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن ۋېنجۈن فوتوسى
قەشقەر ۋىلايىتى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خاسلىقى روشەن، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىلىرى سىجىل كۈچەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، باھار بايرىمىلىق مېۋە-كۆكتات تەمىناتىنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى شۇنداقلا ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئاممىنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇردى.
(قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى چېن ۋېنجۈن، خوۋ لىچاۋ، پىراكتىكانت مۇخبىر ۋېي شۈشېڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






