تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخ ياراتتى!  گۇ ئەيلىڭ، لى فاڭخۇي U شەكىللىك مەيداندا ئەركىن قار تېيىلىش تۈرىدە ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو ماھىرى گۇ ئەيلىڭ (سولدا) بىلەن لى فاڭخۇي مۇسابىقىدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ تەبرىكلەشمەكتە.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىتالىيە لىۋىگنو، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار تيەن گۇاڭيۈ، ليۇ ياڭ) ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ ئارىسىدا، ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىككى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاپئاق قار، كۆك ئاسمان ئارىسىدا تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇراتتى، مەيداندىكى 100دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق كۆرۈرمەن بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، ياڭراق ناخشا ساداسى لىۋىگنو تاغ جىلغىسىدا جاراڭلىدى.

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللارنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىۋىگنو قار ئۈستى باغچىسىدا ئاياغلاشتى. جۇڭگو ماھىرى گۇ ئەيلىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى، خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى لى فاڭخۇي كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى قېتىم بۇ تۈردە ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 5 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 6 مىس مېدال بىلەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە چېگرا سىرتىدا قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.

ئاياللارنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى لىۋىگنو مۇسابىقە رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك مۇسابىقە بولۇپ، ئەسلىدە 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، قېلىن قار سەۋەبىدىن 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. جۇڭگو كوماندىسىدىن تۆت ماھىر 12 كىشى قاتنىشىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقايسى كوماندىلار ئىچىدە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ماھىرلار ئۈچ نۆۋەت تېيىلىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى 2025 - يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، ئەنگلىيە داڭلىق ماھىرى زوئىي ئاتكىن بولۇپ، ئۇ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 1 - ئورۇنغا تىزىلغانىدى.

تۇنجى نۆۋەت تېيىلىشتا، گۇ ئەيلىڭ ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ھەقىقىي سەۋىيەسىنى كېچىكىپ كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇردى، U شەكىللىك مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن بىرىنچى قېتىمدا 900 گىرادۇس ئايلىنىپ يەرگە چۈشكەندە سەل سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ، سۈرئەت جەھەتتە بىر قەدەر كۆپ زىيان تارتقاچقا، ئامالسىز كېيىنكى ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتىن ۋاز كېچىپ، پەقەت 30.00 نومۇرغا ئېرىشتى.

خۇددى گۇ ئەيلىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېيتقاندەك، «قارىغاندا ماڭا يېتەرلىك بېسىم بولغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ياخشى ھالىتىمنى قوزغىتالايدىكەنمەن».

ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئىككىنچى نۆۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغىتىلدى. بىر يۈرۈش ھەرىكىتى ئېقىن سۇدەك راۋان، مەردانە، نەپىس بولدى، بۇ، ئىككى يۆنىلىشتىكى 900 گىرادۇسلۇق ئايلىنىش، ئىككى يۆنىلىشتىكى 720 گىرادۇسلۇق ئايلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مول بولغان تاختىنى تۇتۇش ھەرىكىتى كىرىشتۈرۈلگەن، ئوتتۇرىچە بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر بولۇپ، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 3.8 مېتىرغا يەتتى. ئۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ بىر يۈرۈش ھەرىكىتىگە تايىنىپ 94.00 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئەۋزەللىكىنى بىراقلا بېكىتتى.

گۇ ئەيلىڭنىڭ يۇقىرى نومۇرلۇق بېسىمى ئاستىدا، ئاتكىن ئىككىنچى نۆۋەتتە سەۋەنلىك سادىر قىلدى. يەنە بىر نەپەر جۇڭگو ماھىرى لى فاڭخۇينىڭ گۇ ئەيلىڭغا ئوخشاشلا ئىككىنچى نۆۋەتتىكى ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، بىر يۈرۈش ھەرىكەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، 91.50 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئاتكىندىن ئېشىپ ۋاقتىنچە 2 - ئورۇندا تۇردى.

ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتتە، بۇ ئۈچ ماھىر تېخىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلدى. گۇ ئەيلىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆت مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلىدىغان بىر يۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىنى 94.75 نومۇرغا يەتكۈزدى. لى فاڭخۇي مول بولغان ئايلىنىش ۋە تاختا تۇتۇش ماھارىتىگە تايىنىپ 93.00 نومۇرغا ئېرىشتى. ئاتكىن ئىككى نەپەر جۇڭگو ماھىرى ئېلىپ كەلگەن بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرگە دادىل جەڭ ئېلان قىلىپ، 92.50 نومۇر بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يېڭىلىدى. ئۈچ نەپەر ماھىرنىڭ رەت تەرتىپى ئۆزگەرمەي، ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىم - ئايرىم ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

مۇسابىقە تولۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۇ ئەيلىڭ بىلەن لى فاڭخۇي قىزغىن قۇچاقلاشتى، ئىككى قىز جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يەنە ئىككى مېدال ئېلىپ بەردى! بۇ بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال قوشۇلۇپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 6 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە چېگرا سىرتىدا قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ 15 مېدال يەنە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مېدال ئومۇمىي سانى بىلەن تەڭلەشتى.

گۇ ئەيلىڭ ئىككى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن مېدال، 3 كۈمۈش مېدال بولۇپ جەمئىي 6 مېدالغا ئېرىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش تۈرىدە ئېرىشكەن ئالتۇن مېدالى ۋە مېدال سانى ئەڭ كۆپ بولغان تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.

گۇ ئەيلىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ ئىككى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاش ئىنتايىن ئالاھىدە ئىش، چۈنكى بىر مېدالغا ئېرىشىشنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. مەن ئالتە قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتە مېدال ئالدىم، مېدالغا ئېرىشىش نىسبىتىم %100 بولدى، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. مەن ئۆزۈمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، ھەربىر كۈنۈم ئاسانغا چۈشمىدى، مەن ھەر كۈنى تىرىشتىم، ھەر كۈنى ئاخىرقى چەككە يەتكۈچە تىرىشقاچقا، ئاندىن بۇ جايغا كېلەلىدىم».

قالغان ئىككى نەپەر جۇڭگو ماھىرىنىڭ ئىپادىسىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. جاڭ كېشىن 83.25 نومۇرغا ئېرىشىپ، 6 - ئورۇندا تۇردى؛ ليۇ يىشەن 71.75 نومۇر بىلەن 9 - ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.