شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مىلان، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ چۇنيەن) گۇ ئەيلىڭ، لى فاڭخۇينىڭ 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش تۈرى بويىچە ئاياللارنىڭ U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون ۋە ئىككىنچى بولۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 6 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە چېگرا سىرتىدا قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى يېڭىلىدى.
جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى شۇكى، 2010 - يىللىق ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشكەنىدى.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قار ئۈستى تۈرلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىسى مول بولدى. 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سۇ يىمىڭ ئەرلەرنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تۈرى بويىچە چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 168.50 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى، بۇ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېرىشكەن تۇنجى مېدال.
2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سۇ يىمىڭ 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ئەرلەرنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بويىچە يانتۇلۇقتا توسالغۇدىن ئۆتۈپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، بۇ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدال. شۇ كۈنى، پېشقەدەم ماھىر شۈ مېڭتاۋ ئاياللارنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، بۇ تۈردە چېمپىيونلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قالغان تۇنجى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ۋاڭ شىندى سەكرەش ھەرىكىتىنى مۇكەممەل ئىشلەش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گۇ ئەيلىڭ، لى فاڭخۇي ئاياللارنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش تۈرى بويىچە U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون ۋە ئىككىنچى بولدى.
مۇز ئۈستى تۈرلىرىدە گەرچە بىرلا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئالتۇن مېدالنىڭ سالمىقى ناھايىتى زور بولدى. نىڭ جۇڭيەن 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش بويىچە 1500 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 1 مىنۇت 41 سېكۇنت 98 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئولىمپىك رېكورتىنى بۇزۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا ماھىرلىرى بىر ئەسىردىن بۇيان بۇ تۈردە ئالتۇن مېدالنى مونوپول قىلىپ تۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى.
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم جەمئىي 15 مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېرىشكەن مېدال ئومۇمىي سانى بىلەن تەڭلەشتى. 2006 - يىللىق تۇرىن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2010 - يىللىق ۋانكۇۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم - ئايرىم 11 مېدالغا ئېرىشكەنىدى.






