□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
«موما، باھار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» ئىللىق قۇياش نۇرى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قۇتۇپىدىكى تۇپراققا چۈشۈپ تۇراتتى، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدىكى بۇرماقان مولدو موماينىڭ ئۆيىدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك جۈچيەنجيې باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇڭ شىرۇي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىراقتىن كېلىپ، باھار بايرىمىلىق ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدوغا يەتكۈزدى.
11 ياشلىق جۇڭ شىرۇي جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك جۈچيەنجيې باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 - يىللىق 10 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، ئۇنىڭ دادىسى جۇڭ چۇڭكەي ئىلگىرى 2019 - يىلى 12 - ئايدىن 2022 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە تۇرغان. چاڭجوۋغا قايتقاندىن كېيىن، جۇڭ چۇڭكەي ئۇلۇغچاتنى ئىزچىل كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، بۇرماقان مولدو موماينى ئەستىن چىقارمىدى، دائىم تېلېفون، ۋىيشىن ئارقىلىق بۇ جايدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بىلىپ تۇردى.
«ئۇلۇغچاتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مەن بۇرماقان ئانا بىلەن كېلىشىپ قويغان، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كېلىپ ئۇنى يوقلىماقچى بولغان.» بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن بۇرۇن، جۇڭ چۇڭكەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ قېتىمقى «ئۇچرىشىشقا بېرىش سەپىرى»نى پىلانلاشنى باشلىغانىدى.
جۇڭ شىرۇي بۇ ئالاھىدە قىشلىق تەتىل پىلانىنى سىنىپ مەسئۇلى لى يۈگە ھەمبەھرىلىدى. سىنىپ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالايىتەن ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى ئاچتى، لى يۈ سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلارغا بۇرماقان مولدونىڭ 60 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغانلىق، چېگرانى قوغدىغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، ھەربىر سۆز - جۈملە بالىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، بۇرماقان مومىسىغا ئاتاپ بىرلىكتە بىر پارچە سالام خەت يازدى.
بۇرماقان مولدونىڭ ئۆيىدە، جۇڭ شىرۇي سالام خەتنى خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئوقۇپ بەردى، سەبىي ئاۋازىدىن ھۆرمەت ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى: «بۇرماقان موما، سىزنىڭ ھېكايىڭىز بىر تال ئۇرۇققا ئوخشاش قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى. بىز ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ھەرگىزمۇ بىر قۇرۇق شوئار ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ 60 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، <جۇڭگو> دېگەن خەتنى تاشقا بىر بىخۇا - بىر بىخۇادىن ئويۇشتىكى قەتئىيلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىر ئاددىي ئىشنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، سىز بىزگە نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت، نېمىنىڭ ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىڭىز...» بىر چەتتە ئولتۇرغان بۇرماقان مولدونىڭ كۆز جىيەكلىرىدىن مېھىرلىك تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، بېشىنى پات - پات يېنىك لىڭشىتتى.
جۇڭ شىرۇي يەنە ساۋاقداشلىرى ۋە ئاتا - ئانىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغات − دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان جىنتەن قەغەز ئويمىچىلىقى، پىل چىشى ئويمىچىلىقى ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. «چاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقىنىغا 16 يىل بولدى، بۇرماقان ئانىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى چاڭجوۋدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىگە ئىنتايىن تونۇشلۇق.» جۇڭ چۇڭكەي مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ بۇرماقان مولدونى يوقلاپ بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بىز كۆپچىلىك ئەڭ ئەھمىيەتلىك سوۋغات تەقدىم قىلىشنى ئويلىدۇق.
«موما، بۇ قەغەز ئويمىغا قاراڭ، بۇنىڭغا چاڭجوۋدىكى تيەننىڭ باۋتا مۇنارى، يەنە بىزنىڭ شەھەر گۈلىمىز بولغان جۇڭگو ئەتىرگۈلى چۈشۈرۈلگەن، بۇ جايغا سىزنىڭ <جۇڭگو تېشى> ئويۇۋاتقان ھالىتىڭىز چۈشۈرۈلگەن!» دەپ تەپسىلىي تونۇشتۇردى جۇڭ شىرۇي قەغەز ئويمىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ.
بۇرماقان مولدو سوۋغاتنى ئېلىپ، جۇڭ شىرۇينىڭ كىچىك قوللىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ: «رەھمەت سىزگە بالام، سىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىڭىزغا چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىڭ» دەپ تاپىلىدى.
ئارقىدىن، بۇرماقان مولدو كۆپچىلىكنى باشلاپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ چېگرانى چارلاش، چېگرانى قوغداش جەريانىدىكى «جۇڭگو تېشى» ئويۇشتىكى قەتئىيلىكى، دۆلەت زېمىنىنى قوغداشتىكى ئەسلىي مەقسىتى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى... كۆپچىلىك پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى، تەسىرلەنگىنىدىن كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.
ئايرىلىدىغان پەيتتە، بۇرماقان مولدو ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، قايتا - قايتا قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.
غەربىي قۇتۇپتىكى چېگرانى سىيپاپ ئۆتكەن باھار شامىلى مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرى ۋە رىشتىنى ئۈن - تىنسىز قەدىرلەپ ساقلايدۇ. تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان باھار بايرىمىدىكى بۇ ئۇچرىشىش ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ، شۇنداقلا قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان جەم بولۇش داۋامىدا چاڭجوۋ بىلەن ئۇلۇغچاتنىڭ دوستلۇقىنىڭ يېڭى ئىللىق سەھىپىلىرىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىدۇ.






