□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان «قايناق مەزگىل»نى كۈتۈۋالدى. شىمالىي شىنجاڭدا ھەممە جاي قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، مۇز ئويمىلار خۇددى قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ تۇراتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىللىق شامال چىقىپ تۇراتتى، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى، شەھەر، يېزا - كەنتلەردە ھەممىلا جايغا پانۇس ۋە رەڭدار تۈگۈچلەر ئېسىلدى، كوچىلار، مەنزىرە رايونلىرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تەبەسسۇمى بىلەن تولدى.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى قالتىس نامايان بولۇپ، قار - مۇز ساياھىتى قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە كېلىپ، ئىستېمال سىجىل جانلاندى، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يارقىن «باھار بايرىمىلىق جاۋاب قەغىزى»نى تاپشۇردى.
باھار بايرىمى ئۆرپ - ئادىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرام كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇردى
جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك بولغان ھەيۋەتلىك دۇمباق ئاۋازى، جانلىق ھەم خۇشاللىققا تولغان لۇڭ ۋە شىر ئۇسسۇلى، قىزىقارلىق خەلق ئۆرپ - ئادىتى ئويۇنلىرى، شادىيانە، قىزغىن مەشرەپ... 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوچا ئويۇنى كۆرىكى پائالىيىتى لوپ ناھىيە بازىرىنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى، خاسلىققا ئىگە 16 چاسا ئەترەتتىكى ئارتىسلار چىرايلىق كىيىنىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، كۆرەك ئەترىتى قەيەرگە بارسا، چاۋاك ساداسى، تەنتەنە ساداسى، ئالقىش ساداسى شۇ يەردە ياڭراپ، ھەممە جاي خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. نەق مەيدان ئادەتتىن تاشقىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپلا قالماي، توردا لوپ ناھىيەسىنىڭ كوچا ئويۇنى كۆرىكىنى كۆرگەنلەر سانىمۇ 46 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە بىردەك «تور سىرتىدا قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈش، توردا ماس قەدەمدە تەنتەنە قىلىش» مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. «بۇ يىل باھار بايرىمىدا، خوتەندە بايرام كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى!» خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كېڭەيتىش - ئالماشتۇرۇش - تەشۋىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى باۋ چاڭخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: كوچا ئويۇنى كۆرىكىدىن باشقا، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر يەنە باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى، ساليۇت كۆرگەزمىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئويۇنى، ئېسىل نومۇرلار كۆرىكى قاتارلىق مول مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ھەم تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللىدى، يەنە باھار بايرىمىلىق مال بازىرىنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېچىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە باھار بايرىمى كەيپىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش، قار - مۇز ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاس پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، جەمئىي 282 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى كۆرگەزمە قىلىش كۆرىكى، 456 تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ھەم مۇزېيغا ئالاقىدار 300 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەتنى يولغا قويدى، كەسىپ ھالىتى مول، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولدى. كوچا - كويلاردا داقا - دۇمباق ساداسى ياڭرىدى، مەيدان - سارايلارنىڭ ئىچى - سىرتى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدەك قايناق مەنزىرە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلىدى.
تۈرلۈك خەلق ئۆرپ - ئادىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيەتلىرى نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، كوچا ئويۇنى، قەغەز قىيما، خېمىر ھەيكەل قاتارلىق خاس تۈرلەر ئارقىلىق ھەم باھار بايرىمىلىق خۇشاللىق يەتكۈزۈلدى ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى، مىللەت ھېسسىياتىنى مۇجەسسەملىدى.
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيى ئالاھىدە كۆرگەزمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ئادەم ئېقىمى مەۋج ئۇردى، «تۇلپار شىنجاڭدا ئەركىن پەرۋاز قىلىش − بىڭۋۇ ئات يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى، «قارلىغاچنى دەسسەپ ئۇچۇۋاتقان ئات»نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلارمۇ خاسلىققا ئىگە كۆرگەزمىلەرنى نامايان قىلدى، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
ھەر مىللەت ئامما ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مول، كۆپ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا، مەدەنىيەت تۈسىگە، ئىللىقلىققا، يېڭى مەزمۇنغا ئىگە باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزدى.
قار - مۇز ساياھىتى تېخىمۇ قىزىدى
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا پانۇس ۋە رەڭدار تۈگۈچلەر ئېسىلدى، ئەلا سۈپەتلىك توزغاقسىمان قار بايلىقى ۋە مول كەسىپ ھالىتىگە تايىنىپ ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، قار تېيىلىش ۋە تۈرلۈك قار - مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بۇ جاينى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. «باھار بايرىمىدا ئالايىتەن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭغا كەلدىم، بۇ جايدىكى توزغاقسىمان قارنىڭ نامى بىكارغا چىقمىغان ئىكەن، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مۇلازىمىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئىكەن، تىيانشان ئېتىكىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن» دېدى جياڭشىلىق ساياھەتچى لى جىخۇي كۈمۈش لىباسقا ئورالغان دالىدا تۇرۇپ.
تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈشى ئات يىلىدىكى باھار بايرىمىدا شىنجاڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قار - مۇز ساياھىتى كۆپ نۇقتىدا جانلاندۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا تۈرلۈك قار - مۇز پائالىيەتلىرى قالتىس نامايان قىلىنىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى.
ئالتاي شەھىرىدىكى پۈتۈن پەسىللىك تەنتەربىيە باغچىسى مۇز تېيىلىش مەيدانى، قار - مۇز باش تېما شادلىق باغچىسىدا قايناق كەيپىيات ئەۋج ئالدى، چىراغ كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنى قاتارلىق تۈرلەردە «كۈندۈزى سەيلە قىلىش، كېچىسى تاماشا قىلىش» يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر «جۇڭگو قار ماكانى» ئالتايدىكى ئۆزگىچە باھار بايرىمى كەيپىياتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى؛ تاڭباخۇ مەنزىرە رايونىدا قار - مۇز خەلق ئۆرپ - ئادىتى كاتتا مەرىكىسى، دېھقان - چارۋىچىلار قارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، مۇز ئۈستىدە كۆڭۈل ئېچىش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى ئويۇنى، خاس مەززىلىك تائاملار قاتارلىقلار بىر - بىرىگە ھۆسن قوشتى... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قار - مۇز بىلەن خەلق ئۆرپ - ئادىتى، ساياھەت سۈرىتىگە تارتىش، ئىستىراھەت قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، كۆپ تۈرلۈك خاس ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، مۇز كۆلچەكتە لەيلەش، مۇز كۆلدە بېلىق تۇتۇش، قارلىق دالىدا خوگو يېيىش، قارلىق دالىدا چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئىچىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى كىشىلەرنىڭ كەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
جەنۇبىي شىنجاڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىدە ئوخشاشلا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى چۈەنيۈ شىڭكۇڭ خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەسلىھەلىرى ئەڭ مۇكەممەل ئۇنىۋېرسال قار - مۇز ئىستىراھەت رايونلىرىنىڭ بىرى، 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى يېڭىدىن بىر تۈركۈم قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى، «باھار بايرىمىدىكى بۇ بىرنەچچە كۈندە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.» بۇ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ھەر كۈنى تەخمىنەن 800 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق.
ئەمەلىي سېلىنما ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى
2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «بەخت تۈسىگە تولغان چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا قالتىس ئورۇنلاندى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتى، قالتىس خەلق ئۆرپ - ئادىتى ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. «باھار بايرىمىدا ئىشىك ئالدىدا نەق مەيداندا ئورۇنلانغان چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى كۆرەلىدۇق، بەك قالتىس ئىكەن» دېدى فۇكاڭ شەھىرىدىكى ساياھەتچى شياۋ ۋېنخەن.
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى «باھار بايرىمىدىكى توققۇز كۈندە شاد - خۇراملىققا چۆمۈش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويدى، بۇ، مۇز ئۈستى لۇڭجوۋ قولۋىقى مۇسابىقىسى، قارلىق پۇتبولى، قىسقا يولدا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ماھارىتى كۆرسىتىش، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا يىغىلىشى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان باش تېمىدىكى قالتىس نومۇرلار كۆپلەپ نامايان قىلىندى، يەنە كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىشكە جەلپ قىلىندى. 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچىلا، بۇ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 45 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت ئىقتىسادىي كىرىمى 22 مىليون 570 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %88 ئاشتى.
ئات يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە ئېسىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدە يەنە ئەلا نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتچىلىكنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رىزۋانگۈل قەھرىمان مۇنداق تونۇشتۇردى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، قىشلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىدىن توققۇزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «قار - مۇز + ئارشاڭ» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش» قاتارلىق يۇغۇرما مەھسۇلاتلارنى ئىجادىي بارلىققا كەلتۈرۈپ، قاتنىشىش نىسبىتى يۇقىرى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى باھار بايرىمى كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايرام مەزگىلىدە 5 - قېتىملىق قار - مۇز ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى، ھەرقايسى جايلار 15 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلىتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تارقىتىپ، «ئاپتونوم رايون + ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر» تارقاتقان قوش ياردەم پۇلى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش، قار تېيىلىشتا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش، مەخسۇس پاراۋانلىق قاتارلىق تەدبىرلەر قوشۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى. بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، يېمەك - ئىچمەك ئورۇنلىرىغا بارىدىغان، مېھمانخانىلاردا قونىدىغان ئىستېمالچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بازىرى قىزغىنلىقى سىجىل ئۆرلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، كورلا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، خوتەن شەھىرى قاتارلىق جايلار بايرام مەزگىلىدە بىردەك ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا 311 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، جەمئىي 17 مىڭ 220 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئېچىۋېتىلدى، ئاھالىلەر رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى، سودا چەمبىرىكى ئەتراپىغا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇ ئىللىق مۇلازىمەت ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.






