− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈرەش قىلىش روھى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (3)
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، شى جىڭنەن، شۈ جۇاڭ
ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو زېمىنىدا ئاۋات مەنزىرە ۋە خۇشال كەيپىيات نامايان بولدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمىدا، كىشىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ خۇشال - خۇرام تەبرىكلەپ، دۆلەتكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، «جەم بولۇش زور خۇشاللىق، جەم بولۇش زور بەخت، ئىتتىپاقلىق زور كۈچ» دېگەن سۆزنى جانلىق ئىزاھلىدى −
باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تۆت چوڭ شۆبە مەيدانى بۇ كاتتا مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشكە ئورتاق قاتناشتى، پۈتۈن دۇنيادىكى خۇارېنلار قەدىمىي جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى «ئەڭ مودا گۈزەللىك»تىن ئورتاق بەھرىلەندى؛ جەم بولۇشتىن ئىبارەت باھار بايرىمى ئۆرپ - ئادىتى «يېمەك - ئىچمەك ئىقتىسادى»غا تۈرتكە بولۇپ، بايرام كەيپىياتىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تولۇپ تاشقان قۇۋۋەتكە ئايلاندۇردى؛ «ھەرىكەتچان جۇڭگو»نىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، زور ئۆزگىرىشلەر نامايان بولدى...
«ھەربىر <كىچىك ئائىلە> قاينام - تاشقىنلىققا چۆمسە، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ <چوڭ ئائىلە> كۈنسېرى يۈكسىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ سۆز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر دىيالېكتىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.
كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، كۈرەش قىلىش مۆجىزە يارىتىدۇ. تارىخنى ئەسلىسەك، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت گېنى خېلى بۇرۇنلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.
جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپ ئىتتىپاقلىق كۈچىگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا مۇتەپەككۇرلار «ئىناق بولغاندىلا، بىردەك ئىتتىپاقلاشقىلى، بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى، قۇدرەتلىك كۈچ بولغاندىلا، قۇدرەت تاپقىلى، قۇدرەت تاپقاندىلا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بۈيۈك بىرلىك ئەنئەنىسى كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، ئىتتىپاقلاشقان، مەركەزلەشكەن بىرلىكنى شەكىللەندۈردى» «ئىتتىپاقلىق، بىرلىك − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت، بۇ، جۇڭگولۇقلار ئىسسىق قېنى بەدىلىگە يەكۈنلىگەن قىممەتلىك تەجرىبە - ساۋاق»... خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر خۇلاسىلىگەندەك: «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى».
80 نەچچە يىل ئىلگىرى، پارتىيەمىز تۈزگەن 1 - تارىخىي قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى خۇددى بىر ئىناق ئائىلىگە ئوخشاش، خۇددى بىر پارچە مۇستەھكەم پولاتقا ئوخشاش ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك».
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇشى كېرەك.
كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، مەيلى پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا يېڭى ئۆتكەللەرنى ئۇدا بۆسۈپ ئۆتۈش بولسۇن، ياكى «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ يۇلتۇزلارغا تولغان ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىشى، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ دولقۇنلاۋاتقان بىپايان زۇمرەتتەك دېڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇشى بولسۇن... ھەربىر قېتىملىق «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» ھالقىشقا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭگولۇقلارنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى مۇجەسسەملەنگەن.
يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ».
باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. يۈز يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، يول بويى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىش ۋە كۈرەش قىلىشتىكى چىن مەنىنى تېخىمۇ چۈشەندى.
«ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق» −
خەلق ئىنقىلابى بىرلىك سېپى، ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىيەسى بىرلىك سېپى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى، خەلق دېموكراتىيەسى بىرلىك سېپى، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، ئېنىق نىشان ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ دەۋر ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى.
«يېڭى مۇساپىدە، نېمىگە تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؟ جاۋابى دەل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىش.» يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم چوڭقۇر بايان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
«زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش» −
پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنىڭ ئاچقۇچى».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
«ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىش» − بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.
يېڭى بىر يىلدا «15 - بەش يىل»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. قانداق قىلغاندا يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ؟
«پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يۈز مىليونلىغان خەلقنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىش، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ شانلىق تارىخنى ياراتتۇق، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
قول تۇتۇشۇپ يېڭى سەپەرگە ئاتلانغاندا، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرى تىپتىنچ شارائىتتا ھە دېگەندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەمەس، شۇنداقلا گۈل دەستە ۋە ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تەييارغا ھەييار بولۇش ئەمەس. «ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش ئۈچۈن جاپا ۋە چارچاشتىن قورقماسلىق» ئىرادىسىنى جەزمەن چىڭىتىپ، «بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا مەزمۇت تۇرۇش» ئىرادىسىنى ساقلاپ، پۇرسەت ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ - خەتەرگە يولۇققاندا پائال تاقابىل تۇرۇپ، بېكىتىلگەن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.
قول تۇتۇشۇپ يېڭى سەپەرگە ئاتلانغاندا، ئورتاق كۈرەش قىلىش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
«ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ.» يېڭى مۇساپىدە، ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى قاتلاملار ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
قول تۇتۇشۇپ يېڭى سەپەرگە ئاتلانغاندا، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈش كېرەك.
ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل بولىدۇ، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر.» خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلساقلا، بىز مۇقەررەر ھالدا يېڭى مۇساپىدە يېڭى دەۋر شان - شەرىپىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.
بېسىپ ئۆتكەن يولىمىز ئىنتايىن ئۇزاق ۋە جاپالىق، كەلگۈسىمىز ئىنتايىن گۈزەل ھەم پارلاق.
«1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسىلا، ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىش، ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق.» بىز تۇلپارغا مىنىپ ئۇچقاندەك چېپىپ، شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)






