شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:
چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەننىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. ئۇزاقتىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەن خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى يېڭى دەۋردىكى بەش چوڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، بىر قاتار خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى.
چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە چاۋشيەننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى جىن جېڭئېن باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشىدە، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.






