تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈرەش قىلىش روھى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (2)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ چاۋ

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ».

ئەمەلىي ئىشلەش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇقەررەر يولى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى.

يەنئەن مەزگىلىدىكى «ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولۇش»تىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش»قىچە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە «دادىل سىناق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىش»تىن يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق»قىچە، بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ قولغا كەلتۈردى، ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

بىز ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ شانلىق ئۆتمۈشنى ياراتتۇق، يەنە ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

«14 - بەش يىل» تاماملاندى، «15 - بەش يىل» باشلاندى، «ئەمەلىي» دېگەن سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى: «بارلىق يىرىك پىلاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئەمەلىي بولغان، ساختىلىق بولمىغان ئېشىشنى كۆزلەش كېرەك» «جەزمەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك» «ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك»...

تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي - تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ، تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ.

ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر «ئەمەلىيەتچىل» پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەزى ئەھۋاللارنى تىلغا ئالدى: «جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى شۇنچە چوڭ تۇرسا، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىشتە بىرلا ئەندىزە بولسا قانداق بولىدۇ؟» «بىر قىسىم جايلار ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەي، ئېقىمغا قارىغۇلارچە ئەگەشتى. باشقىلارنىڭ ئۆزەك ئىشلىگىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئىشلىدى. باشقىلارنىڭ <يېڭى ئۈچ خىل> كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى».

يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا «پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىل ئەندىزىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق»تىن رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا «ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئېچىش»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نىڭ مۇھىملىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ماھىيىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش.

دەل ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرغاچقا، بىز «نوقۇل ھالدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە قاراپلا قابىللىققا باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقى»نى تونۇپ يېتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق؛ «كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىپ كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىت، شارائىتنىڭ بۇرۇنلا ئۆزگەرگەنلىكى»نى ھېس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدۇق؛ «مۇھىت − خەلق تۇرمۇشى، يېشىل تاغ − گۈزەللىك، كۆك ئاسمان − بەخت دېمەكتۇر» دېگەننى تونۇپ يېتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشىمىز، تەدبىر بەلگىلىشىمىز، ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى».

«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل.

كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۆزلەپ، بىز دەۋر تومۇرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، يېڭى قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر «ئەمەلىي» نەتىجە يارىتىشى، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىشى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

«15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا بېيجىڭ يىجۇاڭغا جايلاشقان دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، دىققەت كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

ئىككى «تۇنجى قېتىم» يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ روشەن سىگنالىنى تارقاتتى.

ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى نىشانلاپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.

دەل ھەربىر نىشاننى چىڭ كۆزلىگەچكە، بىز «قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا تەمكىن بولۇش» ئىرادىمىز، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك» ئىرادىمىز، «كىروراننى ئالمىغۇچە ھەرگىز قايتماسلىق» ئىرادىمىز ئارقىلىق مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن قايمۇقۇپ قالماي، دەھشەتلىك دولقۇندىن قورقماي، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدۇق.

مەيلى قۇدرەتلىك كۈچنى نامايان قىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش بولسۇن ياكى دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن يۈكسەك مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

ھەقىقىي تۇتقاندىلا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە، قۇرۇق نام - ئاتاق قوغلاشماي، مەۋھۇم ئىش قىلماي، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك؛ مەسىلىنى نىشان مەركىزى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى يۆنىلىش قىلىش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلمەسلىك، قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىق كېرەك؛ كەڭ تۇپراقتا قەدەم ئىزىنى قالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىي ماھارىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، قالايمىقان ئىش قىلىشنىڭ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك يۈكسىلىشكە تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز جەزمەن بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق جان تىكىپ ئېلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە مۇھىم بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يېڭى يىلدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «ئۈچ تېخىمۇ»نى نۇقتىلىق تەكىتلىدى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش».

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنىڭ تۈپ تەلىپى.

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتمىغاندا، ھەرقانچە ياخشى يىرىك پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

«بېكىتىلگەن ئىكەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار بىردەك ئومۇمىيەت قارىشى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك» «بېكىتكەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشىدا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرت.

ھازىر، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

«ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماسلىق كېرەك» «ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ھەم ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، ھەم نېمە ئۈچۈنلۈكىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش، ھەقىقىي تۈردە تولۇق چۈشىنىش كېرەك» «سىياسەتنىڭ چەك - چېگراسى ۋە ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش، قىلالايدىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشىدا جەزمەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق سەمىمىي تاپىلىغان: «ئىشنى كۈچەپ تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىشتەك ئالدىراقسانلىق بولسا بولمايدۇ، يەنى قانۇنىيەتسىز ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. بۇنداق يېنىكلىك پىسخىكىسى، ئالدىراقسانلىق روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئەمەلىي ئېلىپ بېرىش كېرەك».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئوي - پىكرى ۋە زېھنىنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا قويۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم.

بىز باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش روھى، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھالىتى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.