تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار كوچىسىدا باھار بايرىمىلىق ھېكايىلەر كۆپ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ ۋېيبىن، دۇ جيەنخۇي

2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 17، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ ئانار كوچىسى، تېمپېراتۇرا ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلىدى، شامالمۇ يوق بولۇپ، قۇياش نۇرى چۈشۈپ، ئەتراپ ئىللىقلىققا تولغانىدى.

كوچا ئېغىزىدىكى ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلگەن ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ئەگمە ئىشىك ئاستىدا، «ئانار كوچىسى» دېگەن خەت قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. ئاسفالت يول پاك - پاكىز تازىلانغانىدى، ھەممە ئائىلىلىك ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنادا ئولتۇراتتى، ئىشىك بېشىغا «福» خېتى يېڭىدىن چاپلانغانىدى. 800 نەچچە مېتىر كېلىدىغان كوچىدا، توققۇز ئائىلىلىك خەنزۇ مىللىتى ئائىلىسى ۋە توققۇز ئائىلىلىك ئۇيغۇر مىللىتى ئائىلىسى ئولتۇراتتى.

مۇخبىرلارنىڭ ھارپا كۈنى بۇ جايغا كېلىپ يۇرتداشلارنى زىيارەت قىلىۋاتقىنىغا ئۇدا ئىككى يىل بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇ كوچىدىكى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ كەتكەنىدى.

ئابلىكىم مۇسانىڭ ئائىلىسى ئانار كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى بىرىنچى ئائىلە بولۇپ، ھويلا ئىشىكى يېرىم ئوچۇق تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدىكى «پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش ئائىلىسى» دېگەن ۋىۋىسكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھويلىدىن ئاڭلانغان كۈلكە ئاۋازلىرى كوچىدا ئەكس سادا پەيدا قىلغانىدى.

مۇخبىرلار ئىشىكنى ئېچىپ كىردى، تۆمۈر لاپاسقا سىزىلغان ئانار گۈلى نۇسخىسى دەل ھويلىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلەتتى. ئابلىكىم قوشنىسى جوۋ جىنشەن بىلەن مېھمانخانىدىكى كىگىزدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىۋاتاتتى، مۇخبىرلارنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سالاملاشتى.

جوۋ جىنشەن 1988 - يىلى خېنەندىن بۇ كەنتكە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئىشچان، قابىلىيەتلىك ئىدى، كېۋەز تېرىپ، مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ، قەدەممۇقەدەم بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر باھار بايرىمىدا، يەنە مۇشۇ ئۆيدە جوۋ جىنشەن قوشنىسىغا كومبايىن سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەنىدى. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئابلىكىم ئاشۇ كومبايىنغا تايىنىپ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىپ، يەنە بىرنى سېتىۋالدى.

«كومبايىنلار كۆپەيسە تېخىمۇ تەمكىنرەك بولۇش كېرەك، ياخشى ئاسراپ ئىشلىتەيلى، كېيىنرەك پۇرسەت تېپىلغاندا كەسىپنى يەنە كېڭەيتسەكمۇ بولىدۇ.» جوۋ جىنشەننىڭ يەنىلا ئاشۇ كۈلۈپ تۇرغان ھالىتى، تاپىلىغان سۆزلىرى بۇلتۇرقىغا ئوخشاش ئەمەلىي ئىدى.

ئىككىيلەننىڭ دوست بولغىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. شۇ يىلى قىشتا، چۆللۈكتە جوۋ جىنشەننىڭ ئاپتوموبىلىدا بېنزىن قالمىدى، ئابلىكىم ۋېلىسىپىتكە مىنىپ بېرىپ - كېلىشكە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ جوۋ جىنشەنگە بېنزىن يەتكۈزۈپ بەردى. قەھرىتان سوغۇقتا، ئابلىكىم بېنزىن تۇڭىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ: «تېز قاچىلاڭ، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۆيگە بېرىۋېلىڭ» دېگەن سۆزنىلا قىلدى.

«قوشنىلار ئارىسىدا، ياردەملەشكىدەك ئىشلار بولسىلا ياردەملىشىش كېرەك.» ئابلىكىم سۆزلىگەچ جوۋ جىنشەننىڭ پىيالىسىگە چاي تولدۇرۇپ قۇيدى.

بۇلتۇر كۈزدە، ئابلىكىم سىرتتا باشقىلارغا قوناق يىغىپ بېرىپ، ئائىلىسىنىڭ كېۋەزلىرىگە يېتىشەلمەي قالدى. جوۋ جىنشەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۈن - تىنسىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇقۇشۇپ، يەنە پاختا زاۋۇتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بەردى، ئابلىكىم ئىشنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتقاندا، پاختا ساتقان پۇل كارتىسىغا كىرىپ بولدى.

«ئانار كوچىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە، نان بولسا ئوشتۇپ تەڭ يەيمىز، قىيىنچىلىق بولسا كۆپچىلىك تەڭ ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى جوۋ جىنشەن چاينى ئوتلىغاچ.

پاراڭلىشىۋاتقاندا، ھويلىنىڭ دەرۋازىسى غىچىرلاپ يەنە ئېچىلدى. تۇرسۇن ئىسمائىل بىر تاۋاق ساڭزا بىلەن بىر خالتا ئېشەك سۈتىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى، «باشقا ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بولدۇم، بۇنى ئالايىتەن سىزگە ئېلىپ قويغانىدىم.» ئۇ شۇنداق دېگەچ نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويدى.

ئابلىكىم دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تاغا، سىز بۇنى ئېلىپ كېتىپ سېتىپ، پۇلغا قىزىڭىزغا دورا ئېلىپ بېرىڭ».

جوۋ جىنشەنمۇ ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «يېشىڭىز چوڭىيىپ قالدى، قىزىڭىزنىڭ دورا پۇلىغا كېتىدىغان چىقىممۇ ئاز ئەمەس، ئېشەك بېقىپ پۇل تېپىشمۇ ئاسان ئەمەس».

تۇرسۇن قولىنى پۇلاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئازمۇ؟ قىزىمنىڭ ئەھۋالى ياخشى».

تۇرسۇننىڭ ئىشىنى، پۈتۈن كوچىدىكىلەر بىلىدۇ. 27 يىل ئىلگىرىكى بىر قىش كۈنى، ئۇ تاشلىۋېتىلگەن بىر خەنزۇ قىز بوۋاقنى تېپىۋېلىپ، ئۆيىگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىپ، ئىزچىل بېقىپ كەلدى. بالا تۆت ياش ۋاقتىدا تۇتقاقلىق كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئۇ يىلىغا 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئۆرپ - ئادەت باغچىسىنى تاقاپ، بالىنى ئېلىپ تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ دوختۇرغا كۆرسەتتى. 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى خەجلەپ، قەرزلىرى تېخى تۈگىمىگەن بولسىمۇ، ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدى. ئوغلى شەۋكەت باشقىلارغا ياردەملىشىپ توكسىكلىت سېتىپ، ھەر ئايدا ئۆيگە پۇل بېرىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن دورا پۇلى يىغدى.

كوچىدىكى قوشنىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەزى ئائىلىلەر ياردەم قىلىپ دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلەشتى، بەزى ئائىلىلەر پۇل ئاپىرىپ بەردى، نەرسە - كېرەك ئاپىرىپ بەردى، كەنت كادىرلىرى تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە توختىماي بېرىپ تۇردى. كېيىن تۇرسۇن ئېشەك باقتى، ئېشەكلىرى نەچچىدىن 30 نەچچىگە كۆپەيدى، ئۇ ئېشەك سۈتى سېتىشقا تايىنىپ، تۇرمۇشىنى ئاستا - ئاستا ياخشىلىۋالدى.

«تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى، دەل كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقى.» بۇ سۆزنى كوچىدىكى ھەممە ئائىلىدىكى كىشىلەر ئېتىراپ قىلىدۇ.

كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شاتگۈل راخمان مۇخبىرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ ئابلىكىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ يىللىق پىلانلىرى توغرىسىدا توختالدى: تۇرسۇنغا ياردەم قىلىپ ئېشەك سۈتىنى ماركىلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىمىز، «ئانار كوچىسى مېھىر - شەپقەت ئېشەك سۈتى» دەپ ئاتايلى؛ يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر قىلىپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئانار كوچىسىنىڭ ھېكايىسىنى بىلدۈرىمىز.

بۇلتۇر داشى كەنتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولدى. ساياھەتچىلەر سانى 180 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، ئانار كوچىسىلا 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. پۈتۈن كەنتتىكى 500دىن ئارتۇق ئائىلىدىن 318 ئائىلە قوشماقلاشتى.

كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە پوجاڭزا ئاۋازى ياڭرىدى. جوۋ جىنشەننىڭ كىچىك نەۋرىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ، بوۋىسىنىڭ پېشىنى تارتىپ ئۇنى ئۆيىگە قايتىپ چۇنليەن چاپلاشقا چاقىردى.

چۇنليەن ئىشىك ئالدىغا يېيىلدى، قىزىل قەغەزگە قارا سىياھ بىلەن «داشىغا باھار كېلىپ، تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشۈپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى، شىنجاڭدا كەيپىيات ئىناق بولۇپ، ھەر مىللەت قول تۇتۇشۇپ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى»، توغرىسىغا «بەختكە تولغان كوچا» دېگەن خەتلەر يېزىلدى.

بۈگۈنكى داشى كەنتىدە ئاسفالت يول ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قولاي ھەم راھەت بولدى. ئىلگىرىكى نامرات كەنت خېلى بۇرۇنلا يىراق - يېقىنغا داڭلىق ھاللىق كەنتكە ئۆزگەردى.

«بۇ دۈيليەندە يېزىلغىنى دەل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز.» جوۋ جىنشەننىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.

«يۈرۈڭلار، بىز بىللە سىن تارتىپ، ئانار كوچىسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى خاتىرىلەپ، يىراقتىكى دوستلارغا سوۋغا قىلايلى» شاتگۈل كۆپچىلىكنى چاقىردى.

ئانار كوچىسىنىڭ ئەگمە دەرۋازىسى ئالدىدا، مۇخبىرلار ئانار كوچىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يانمۇيان تۇرۇپ، بىرلىكتە ئەڭ سەمىمىي باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى: «داشى كەنتىدىكى يۇرتداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.