تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى

  ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارنى قانۇن جەھەتتىن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بازىسى، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئىستونىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزنى قانۇن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئائىلە ئايالى قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانسا، ئىشتىن قېلىش ھەققى بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

  قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى سۇ خانىم: يېقىندا مەن بالامنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش يولىدا، بىر توكلۇق موتوسىكىلىت مېنى سوقۇۋېتىپ، ئوشۇقۇم سۇنۇپ كەتتى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى توكلۇق موتوسىكىلىتنىڭ تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بېكىتتى. مەن موتوسىكىلىت شوپۇرى بىلەن تۆلەم بېرىشنى كېڭىشىش جەريانىدا، ئۇ مېنىڭ ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىمنى، خىزمىتىم بولمىغاچقا، ئىش ھەققىگە دەخلى يەتكۈزۈش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلگىرى مېنىڭ خىزمىتىم بار ئىدى، بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. سوراپ باقسام، ئائىلە ئايالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قارشى تەرەپتىن ئىشتىن قېلىش ھەققى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟

  ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پەن زېڭياۋ: سىز ئائىلىڭىز ئۈچۈن خىزمىتىڭىزدىكى تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى، ھەتتا ئىستىقبالىڭىزنى قۇربان قىلىپسىز، بۇنداق بەدەل تۆلەش ھۆرمەتلىنىشكە ئېرىشىشى كېرەك. سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز ئىلگىرى ھۆكۈم چىقىرىلغان بىر دېلو مىسالىنىڭ قانۇن نەزەرىيەسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سوتچى ھۆكۈمنامىسىدە مۇنداق دېگەن: ئائىلە ئەمگىكىنىڭ جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىممىتىنى قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇ ھەم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن. بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئايالى كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە يولۇققاندا، گەرچە كىرىم مەنبەسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەمگەك ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان ئەمەس، ئۇنىڭ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ھەققە ئېرىشىش پۇرسىتى بار، ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل ئىچىدە بۇ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  خۇددى سىز ئېيتقاندەك، سىز خىزمەت قىلالمايسىز ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئائىلىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللىدىڭىز. شۇڭا، ئەگەر قارشى تەرەپ شوپۇر بىلەن كېلىشەلمىسىڭىز، قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇق-مەنپەئىتىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ، ئىشىنىمەنكى، سوت مەھكىمىسى سىزنىڭ يېشىڭىز، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز، ئەمگەك ماھارىتىڭىز ۋە شۇ جاينىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، سىزگە ئادىل، مۇۋاپىق بولغان ئىشتىن قېلىش ھەققى تۆلىمى ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ.

  چېنىقىش ئۆيى تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالسا، كارتا بېجىرگەن ئەزالار ھوقۇقىنى قانداق قوغدايدۇ؟

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى خەن خانىم: 2025-يىلى 3-ئايدا، مەن بىر چېنىقىش ئۆيىدە ئىككى يىللىق كارتا بېجىرىپ، بىر قېتىمدىلا 6000 يۈەن تۆلىدىم، سودىگەر «يىل بويى دەم ئالمايمىز، ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك ئاسرايمىز» دەپ ۋەدە بەرگەنىدى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چېنىقىش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا «ئۈسكۈنىلەر تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ، تىجارەت ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ» دېگەن چاپلاق چاپلانغاندىن كېيىن ئىشىك قايتا ئېچىلمىدى، مەسئۇل خادىم تېلېفون ئالمىدى، يەنە مېنىڭ ۋىيشىنىمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتتى. كېيىن بىلسەم، ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلارنىڭ ئىچىدە يەنە باشقا 50 نەچچە ئەزامۇ بار ئىكەن، سوراپ باقسام، بىز ھوقۇقىمىزنى قانداق قوغدىشىمىز كېرەك؟

  ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ: ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن، چېنىقىش ئۆيىنىڭ ئالدىن پۇل ئالغاندىن كېيىن، ئاز مىقداردا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ قويۇپلا تىجارەتنى توختىتىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشىپ قالغان ھەقنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىش قىلمىشى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئىستېمالچىلار ئېشىپ قالغان كارتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھەم ئۆسۈم زىيىنىنى تەشەببۇس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىشىڭىز ۋە ياخشى ساقلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز: بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى بېجىرگەن توختام، پۇل تۆلەش ئىسپاتى (ھېسابات يۆتكەش كەسمە سۈرىتى، تالون، ھۆججەت) قاتارلىقلار سىزنىڭ ھەقىقەتەن بۇ چېنىقىش ئۆيىدە ئىستېمال قىلغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ؛ چېنىقىش ئۆيىنىڭ تاقالغانلىق توغرىسىدىكى سۈرەت، ئەزالار توپىدىكى ھوقۇقنى قوغداش پاراڭلىشىش خاتىرىسى، مەسئۇل كىشى بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسى، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كەسمە سۈرەت قاتارلىقلار چېنىقىش ئۆيىنىڭ مۇلازىمەتنى ئۆز مەيلىچە ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ھەمدە پۇلنى قايتۇرمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ؛ ئىشلىتىلگەن ۋاقىت ۋە قالدۇق كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، چېنىقىش ئۆيى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ھەق سوممىسىنى ھېسابلاش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىشىپ، بىردىن ئىككىگىچە ۋەكىلنى سايلاپ بىرتۇتاش دەلىل-ئىسپات توپلاپ، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا بىرلىكتە ئەرز قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن، سوت مەھكىمىسىگە بىرلىكتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

  بۇ يەردە مۇنداق ئەسكەرتىمىز: ئالدىن پۇل تۆلەپ كارتا بېجىرگەندە مۇقىم تىجارەت سورۇنى بار، نامى ياخشى سودىگەرلەرنى تاللاش، ئۇزاق مۇددەتلىك كۆپ سوممىلىق كارتىنى ئالدىن پۇل تۆلەپ بېجىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ توختام ئىمزالىغاندا چوقۇم «مۇلازىمەت مەزمۇنى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، پۇل قايتۇرۇش شەرتى»نى ئەسكەرتىپ، ئاغزاكى ۋەدە بېرىشنى رەت قىلىش كېرەك. «ئاز سوممىلىق ھوقۇقنى قوغداش»تىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، كوللېكتىپ ئەرز قىلغاندا ياكى ئۆز ئالدىغا ئەرز قىلغاندا شەخسىي زىياننى قايتۇرۇۋالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. «كارتا يۆتكەش» «كارتا ئۇزارتىش» توزىقىدىن ھوشيار بولۇڭ، ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپ «چېنىقىش ئۆيىنى قوبۇل قىلىش ھەم كارتا يۆتكەش»نى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ، قايتا ھەق تۆلەپ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.