تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى ) 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، كورلا شەھىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پارنىكلار ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات گىلاس بازىسىدا كورلا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى گىلاس چېچىكىنىڭ چاڭلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
ئاۋات يېزىسىنىڭ گىلاس ئۆستۈرۈش بازىسىدا، تۇتاش كەتكەن پارنىكلاردىكى گىلاس دەرەخلىرى بەس-بەستە چېچەكلىدى، دېھقانلار ھالقىلىق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ چاڭلاشتۇرۇپ، شاخلارنىڭ مول مېۋە بىلەن تولۇشىنى ئارزۇ قىلدى. جۈسەي پارنىكىدا دېھقانلار ئېڭىشىپ جۈسەيلەرنى ئورۇپ، يېڭى جۈسەيلەرنى ئاپتوموبىللارغا قاچىلاپ، باھار بايرىمىلىق بازارلارنى ۋاقتىدا تەمىنلىدى. يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ساۋمېي بازىسىدا ساۋمېينىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، ساياھەتچىلەر ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ ساۋمېي ئۈزۈپ، سەھرا خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى؛ كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا ئالتە مىليون تۈپ كۆكتات مايسىسى ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، دېھقانلار ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، ئەتىيازدا بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلدى.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى مايسىزارلىقتا، كۆكتاتچى دېھقانلار پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان كۆكتات مايسىلىرىنى رەتلىمەكتە.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ھەرە ساندۇقىدىكى ھەسەل ھەرىلىرى باغدا گىلاس دەرەخلىرىنى چاڭلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىرقى كۆلىمى 7000 موغا يېتىپ، يىللىق كۆكتات مەھسۇلاتى 60 مىڭ توننىدىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قىشلىق بوش ۋاقىتنى قىشلىق ئالدىراش ۋاقىتقا، لاپاسنى «گۆھەر جاي»غا ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى، شۇنداقلا باھار بايرىمىلىق تاماق ئۈستىلىگە يېڭى، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە-چېۋە، كۆكتات يەتكۈزۈپ بەردى.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا ساۋمېينى تەكشۈرمەكتە.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر يېڭىشەھەر يېزىسى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا ساۋمېي ئۈزمەكتە.






