تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يولداش خې جياۋلۇڭدىن ئۆگىنەيلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۇ ئات چاپتۇرۇپ قارلىق دالىغا ئاتلاندى، ئالىيجاناب پەزىلىتى كەڭ تۇپراققا تارقالدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش خې جياۋلۇڭغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يولداش خې جياۋلۇڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم سىياسىي خىسلىتىدىن ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىدىن ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي مەقسەت ئېڭىدىن ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلىگەن ياخشى كادىر يولداش خې جياۋلۇڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

يولداش خې جياۋلۇڭ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلقنى قىزغىن سۆيدى، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، پۇقرالارغا بەخت ياراتتى، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، ھاياتى ئارقىلىق شىنجاڭ تۇپرىقىدا كوممۇنىستلارنىڭ «خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش» دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. يولداش خې جياۋلۇڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك بايلىق.

ساداقەتمەنلىك ئۆزگەرمەس ئاساسىي رەڭ، پاكلىق چىڭ ساقلاشنىڭ تۆۋەن چېكى، مەسئۇلىيەتچانلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ تەلىپى، يولداش خې جياۋلۇڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا ئەجىر سىڭدۈرۈپ كۈرەش قىلدى، ئۇنىڭ قەلبىگە پۇقرالار مەڭگۈ پۈكۈلگەن بولۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيتتى؛ «نام چىقارغان»دىن كېيىن باشتىن - ئاخىر سەگەك بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى چىڭ ساقلاپ، ھۆكۈمەت خادىمىلىق سالاھىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلىدى، ئۇ پاك - دۇرۇس بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى.

يىللار ئېقىنىغا زەن سېلىپ قارىساق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، يولداش خې جياۋلۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كۈرەش قىلغۇچىلار بار، ئۇلار باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، ياشلىق باھارى، جاپالىق ئەجرى ھەتتا ھاياتىنى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر، «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى» ليۇ خۇ، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە... بۇ ياڭراق ئىسىملار خۇددى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنىۋى ئابىدىلەرگە ئوخشاش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى يورۇتماقتا.

2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، يولداش خې جياۋلۇڭغا ئوخشاش سىياسىيدا كۈچلۈك، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان مۇشۇنداق مىليونلىغان مۇنەۋۋەر كادىرلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش خې جياۋلۇڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، ئىش ئورنىنى بازا بىلىپ ساقلاپ، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى بۇرچ دەپ قاراپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

«قەيەردە ئەمەل تۇتسا، شۇ جايغا بەخت يارىتىپ، ھاياتلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. تامچە - تامچە ئەجرى ئارقىلىق، بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشتى.» ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراققا بېغىشلىدى، بۇ تۇپراقمۇ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەيدىغان بۇ سادىق قەلبنى مۇقەررەر ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. ئۈلگىنىڭ كۈچى بىزنى يولداش خې جياۋلۇڭغا ئوخشاش ئاشۇنداق ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، كۈرەش قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەخلاقىنى دائىم يېتىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ خىزمەتكارى بولۇش مەقسىتىمىزنى ئۆزگەرتمەي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن، گۈللەنگەن، تىنچ - ئامان گۈزەل شىنجاڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 亚生江·肉孜

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.