تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | «تار كوچا شۇجىسى»نىڭ كۈندىلىك زىيارىتى

   ئاپتور: رېن چۇنشياڭ، ۋاڭ چاۋ

   يېقىندا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ناھىيەنىڭ ئاقتۇ بازىرى بەخت يولى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىىنىڭ شۇجىسى ما فۇلۇڭ يەنىلا ھەر كۈنى سوغۇققا قارىماي تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارنى زىيارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. 

   كەيچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى دەنيۈەنلەرگە ئورنىتىلغان بەزى پاختىلىق مەلەڭزىلەرنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ما فۇلۇڭ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئۈچ دەنيۈەندىكى پاختا مەلەڭزىنىڭ يېرىم ئېسىىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ دەرھال ئۆي-جاي مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتى، خىزمەتچىلەر ناھايىتى تېزلا كېلىپ مەلەڭزىلەرنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇردى. ئارقىدىن، ما فۇلۇڭ لۈيۈەن سارىيىغا قاراپ ماڭدى، ئالدىنقى كۈنى بىر ئاھالە ئۇ يەردىكى يول چىرىغىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدى.

   بەخت يولى مەھەللىسىدە يەتتە مىللەتتىن بولغان 4000غا يېقىن كىشى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر كونا كوچىلاردا تۇراتتى، بەئەينى ئىللىق، ئاۋات چوڭ ئائىلىگە ئوخشايتتى. مەھەللە پارتىيە كومىتېتىىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ما فۇلۇڭ ئاھالىلەر ئارىسىغا چۆكۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. ھاۋا ئىسسىغاندا، ئۇ دائىم كونىراق توكسىكلىتنى مىنگىنىچە، مەھەللىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئارىلاپ كېلەتتى. «مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز دەيدىكەنمىز، چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالارنىڭ ئاۋازىنى كۆپرەك ئاڭلىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

   تەۋەلىكتىكى كۆپ قىسىم ئاھالىلەر ما فۇلۇڭ بىلەن تونۇش بولۇپ، ئۇنى يىراقتىن كۆرسىلا سالاملىشىدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىكى «تار كوچا شۇجىسى» ئىدى. «كەلدىڭىزمۇ؟ لاۋما». «ما شۇجى» دەپ چاقىرىشتىن باشقا، ئەمدىلا 38 ياشقا كىرگەن ئۇنى «لاۋما» دەپ چاقىرىدىغانلار ئەڭ كۆپ ئىدى، «كۆپچىلىك مېنى ئەستايىدىل، ئېغىر-بېسىق ھەم چىقىشقاق دەپ ئويلىغاچقا مۇشۇنداق چاقىرىدۇ دەپ ئويلايمەن ھەم بۇنداق چاقىرىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن» دېدى ما فۇلۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسى ئاقتۇ بازىرى بەخت يولى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىىنىڭ شۇجىسى ما فۇلۇڭ ئاھالە بۇھەجەر ئابابەكرىنىڭ ھۆسن تۈزەش دۇكىنىدا، ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تۇرمۇش ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. (ۋاڭ چاۋ فوتوسى)

   «بۈگۈن سودىڭىز قانداقراق؟» ما فۇلۇڭ بۇھەجەر ئابابەكرىنىڭ ھۆسن تۈزەش دۇكىنىغا كىرىپ كەلدى، 70~60 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكان پاكىز، يورۇق بولۇپ، بىر نەچچە ھۆسن تۈزەش كارىۋىتىدا خېرىدارلار ئولتۇراتتى، يەنە بەزىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتاتتى، سودىسى يامان ئەمەس ئىدى.

   «سودام بەك ياخشى!» دېدى 40 ياشلىق بۇھەجەر كۈلۈپ تۇرۇپ بىر قاچا ئىسسىق ئەتكەن چاينى سۇنغىنىچە. ئۇ ئىلگىرى مەھەللىدىكى ئىش تېپىشى تەس بولغان ئاھالە ئىدى. ئېرى يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئۈچ بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى. ما فۇلۇڭ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆڭلىدە ساقلىدى.

   2023-يىلى، ما فۇلۇڭ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇششاق تىجارەت قىلغانلىقىنى، قولىنىڭ ئەپچىل، زېھنىنىڭ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەۋەلىك رايوندىكى بىر ھۆسن تۈزەش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى. بۇۋەجەر تېخنىكا-ھۈنەرنى پىششىق ئىگىلىگەندىن كېيىن دۇكان ئاچماقچى بولدى، ما فۇلۇڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بانكىدىن ئاز سوممىلىق قەرز ئېلىپ، دۇكان تېپىپ ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي ئىجارىسىدە ئېتىبار بېرىشنى ماسلاشتۇردى. 2025-يىلى 5-ئايدا، بۇھەجەرنىڭ ھۆسن تۈزەش دۇكىنى ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇھەجەر ھەر ئايدا ئاز دېگەندە تۆت-بەش مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

   ما فۇلۇڭ بۇھەجەر ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال يېقىلغۇ گاز شىركىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بەردى. ئىش باشلانغان كۈنى، ئۇ نەق مەيداندا تۇرۇپ، تۇرۇبا ياتقۇزۇش، قۇراشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى. بۇھەجەرنىڭ چوڭ قىزى سىرتتا ئوقۇيتتى، ھەر يىلى قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ما فۇلۇڭ قىزچاققا پىراكتىكا ئورنى ئالاقىلىشىپ بېرىپ، بۇ ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. «ھېلىمۇ ياخشى ما شۇجى بولۇپ قاپتىكەن، ئۆزۈم ئىشلەپ پۇل تاپالايدىغان بولدۇم، قىزىممۇ ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قالدى، بىز بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى» بۇھەجەرنىڭ كۆزلىرىدىن مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى.

   تەۋەلىكتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئايۇپ ئۇرايىمنىڭ ھويلىسى ما فۇلۇڭنىڭ «كۆچمە ئىشخانىسى». ھەر يىلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا بىر كىچىك ئۈستەل، بىر نەچچە ئورۇندۇق تىزىلىپ، بىر چەينەك ئىسسىق چاي دەملىنىپ، «خەلق تۇرمۇشى كېڭىشىش يىغىنى» باشلىنىدۇ. كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا، قايسى كوچىدا يول چىرىغى يانمىسا، قوشنىلار ئارىسىدا ئازراق سۈركىلىش بولسا، كۆپچىلىك بۇ يەرگە كېلىپ ئېيتىشنى خالايدۇ. ما فۇلۇڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرىدۇ، نەق مەيداندا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى ھەرگىز كەينىگە سۆرىمەيدۇ.

   «دەسلەپتە، ما شۇجى كۆپچىلىك بىلەن مەھەللىدىكى بوش يەرلەردە تۇرۇپ پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇراتتى. ئۇنىڭ پۇقرالارغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھويلىدىن كۆپچىلىككە مۇقىم كېڭىشىش سورۇنى ھازىرلاپ بەردىم» دېدى ئايۇپ.

   ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، مەھەللە ھەر ئايدا «تۆت تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش يىغىنى» ئاچتى، مەھەللە پارتىيە كومىتېتى، ئاھالە كومىتېتى، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى ۋە ئۆي-جاي مۇلازىمەت شىركىتى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، ئامما مەركەزلىك ئىنكاس قىلغان پار تۇرۇبىلىرى كونىراپ كېتىش، كېچىدە يورۇتۇش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلدى. «پۇقرالارنىڭ ئىشى ھەر قانچە كىچىك بولسىمۇ چوڭ ئىش. ئالاقە راۋانلاشسا، كىچىك ئىشلار ياخشى بېجىرىلسە، ئىشەنچ ئاشىدۇ» دېدى ما فۇلۇڭ.

   مەھەللىدە ئۇدا ئىككى يىل جۇڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «بەخت زىياپىتى» ئۆتكۈزۈلدى، بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات ۋاقىت. ما فۇلۇڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە موھتاج ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈپ بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىدىكى بىر ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. 2024-يىلى تۇنجى قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە، مەھەللە 30 ئۈستەل تىزغانىدى، بۇلتۇر 50 ئۈستەل تىزسىمۇ يېتىشمەي قالدى. كۆپچىلىك ئۆز ئۆيىدىن ئۆزگىچە نازۇ-نېمەتلەرنى ئېلىپ چىقتى، ھويلىدا تۈرلۈك تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى تارقالدى، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە قوشنىلار ئارىسىدىكى دوستلۇق بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

   كەشتىچىلىككە ماھىر قىرغىز موماي سائات تاش ئالايىتەن 100 پارچىدىن ئارتۇق قوتۇرماچ پىشۇرۇپ كېلىپ قوشنىلارغا سۇندى. «مەھەللە ئاھالىلەر پائالىيەت مەركىزىدىن ماڭا بىر پائالىيەت ئۆيى ئاجرىتىپ بېرىپ، قول ھۈنەر ئىشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرالىغۇدەك ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ، كۆپچىلىككە كۆپرەك قوتۇرماچ پىشۇرۇپ كەلدىم» دېدى سائات موماي.

   ما فۇلۇڭنىڭ خىزمىتىدە جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىش يوق، ئۇ پەقەت ھەر كۈنى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، ئۇ قەدەملىرى بىلەن خەلق رايىنى ئىگىلەپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملىدى. بۇ يىللىق پىلان تىلغا ئېلىنغاندا، ما فۇلۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: «مەھەللە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 10 ئەمەلىي ئىشنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتۇق، بىز بىر-بىرلەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. مەھەللىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ مەڭگۈ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.