□ئىختىيارىي مۇخبىرلار تۇراخان ئوسمان، مەمەتجان ئەمەر
ھازىر، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسىدا سوغۇق كۈچىيىپ قالغانىدى، ھالبۇكى بېلىق كۆلى ئەتراپىدىكى كەڭ قومۇشلۇقتا قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. موتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ كومبايىنلار توختىماي ئۆتۈشۈپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىش، باغلاش، توشۇش قاتارلىق ئىشلارنى تەرتىپلىك قىلىۋاتاتتى، چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئىلگىرى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى جىمجىت قوغداپ كەلگەن بۇ قومۇشلۇق بۈگۈنكى كۈندە ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، يېشىل بايلىقنى خەلقنى بېيىتىش پايدىسىغا ئايلاندۇردى.
نىيە ناھىيەسىدىكى نىيە دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، بېلىق كۆلى ئەتراپى قاتارلىق رايونلارنى قومۇش بايلىقى قاپلىغان بولۇپ، قاپلىغان ئومۇمىي كۆلەم 2 مىليون موغا يېتىدۇ. بۇ بىپايان قومۇشلۇق ھەم قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان تەبىئىي توسۇق بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يېشىل بايلىق» ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نىيە ناھىيەسى مەۋقەنى مول قومۇش بايلىقى ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، «كارخانا تۈرتكە بولۇش، كەنت ئاھالىلىرى قاتنىشىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سالغۇزەك يېزىسى قاتارلىق ئالتە يېزا - بازاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قومۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خاس، يېشىل كەسىپ توپى بەرپا قىلىپ، «ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان بىرىكمە شەكىلدىكى تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى، قومۇشنى ئىلمىي ئورۇش پەسلى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان «ئالتۇن مەزگىل»گە ئايلاندى.
سالغۇزەك يېزىسى ئالاقىدار كارخانا بىلەن 2000 توننا قومۇش سېتىش زاكاز كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەتچى خادىملارنى نەق مەيداندا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئورۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەردە بىخەتەر مەشغۇلات قىلىشتىن ئەمگەك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگىچە قاتلاممۇقاتلام ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە سېپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملىدى. نۆۋەتتە، سالغۇزەك يېزىسى 180 توننىدىن ئارتۇق قومۇش يىغىۋېلىپ، 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، كىشى بېشى كىرىمى 7000 يۈەندىن ئاشتى.
شىڭپىڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەلقەم ئىدرىس قومۇش ئورۇش ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى. ئىلگىرىكى يىللاردا قىشتا ئۇ ئاساسەن ئۆيىدە بىكار ئولتۇراتتى، بۈگۈنكى كۈندە، يېزىدىكى مەشغۇلات گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ قومۇش يىغىپ، كۈنىگە 200 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان، بىر قىشتا كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرالايدىغان بولدى. «يېزا تەشكىللىگەن قومۇش يىغىش خىزمىتى قىشتىكى بوش ۋاقتىمىزنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقتىمىزغا ئايلاندۇردى. ھازىر بۇ بىر تۈركۈم قومۇشنى بالدۇرراق تاپشۇرۇشقا تەقەززا بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ئۈمىدكە تولىدۇ» دېدى ئەلقەم.
نىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئابباس ئابدۇئەمەر مۇنداق تونۇشتۇردى: قىش پەسلىدە قومۇشنى ئىلمىي ئورۇغاندا ھەم يېڭى مايسىلار كېلەر يىلى تېخىمۇ بولۇق ئۆسىدۇ، ھەم بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتقىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سالغۇزەك يېزىسىدا قومۇش كەسپى يېزا - كەنت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى. قۇم دېڭىزى گىرۋىكىدىكى ئېكولوگىيە توسۇقىدىن خەلقنى بېيىتىپ كەنتنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئالتۇن كەسىپ»كىچە، قومۇش بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كەنت ئاھالىلىرىنى قىشتىكى بوش ۋاقىتلاردا كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.






