«قارتا ئۈستىلى»دىن «ئۇچۇشنى تىزگىنلەش»كىچە
دېھقان - چارۋىچىلار قىشلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق يېڭى ماھارەت ئىگىلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
«ماي كىلاپانىنى ئىتتىرىش، دەستىنى تارتىش، بوشلۇقتا توختىتىش...» 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي مەشىق مەيدانىدا، سوغۇق شامال ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، 84 نەپەر دېھقان - چارۋىچى كۇرسانت ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتىنى مەشىق قىلدى.
جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەن ئۇچقۇن مۇختاربېك پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىزگىنەككە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. «ئىلگىرى قىشتىكى بوش ۋاقتىمىزنى ئۆيدە قارتا ئويناپ ئۆتكۈزەتتۇق، ھازىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگىنىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن يېرىمىزگە دورا چېچىش تەننەرخىنى تېجەپلا قالماي، يەنە مۇشۇ ماھارىتىمىزگە تايىنىپ سىرتقا چىقىپ پۇل تاپالايمىز» دېدى ئۇ.
جىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، «ماھارەت يېتىشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش + تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى + ئىشلەمچىلەر بازىرى» پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، «قىشلىق بوش ۋاقىت»تىن پايدىلىنىپ «قىشلىق ئۆگىنىش قىلىپ»، «دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتى»دىن پايدىلىنىپ «ئېنېرگىيە توپلاپ»، «ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش» بىلەن «ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.
«مەكتىپىمىز دىققەتنى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <زاكازلىق، نىشانلىق، ئىش ئورنىنى بېكىتىش شەكلى>دىكى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتى، پاختا تېرىش ماشىنىسىنى ھەيدەش، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي دەرسخانىلارنى ئېتىز باشلىرىغا كۆچۈردى، يەنە گۈل تىزىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ئاشپەزلىك قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلەرنى كەنت - گۇرۇپپا ۋە مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ھەقىقىي ماھارەت ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى جىڭ ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما ۋېنيۈ.
1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭ بازىرى ئىتتىپاق مەھەللىسىدە 35 كۇرسانت گۈل تىزىش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچى رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىن شەكىل لايىھەلەش قاتارلىقلارغىچە بولغان ئاساسىي بىلىملەردىن باشلاپ سۆزلەپ، ئۈلگە كۆرسەتكەچ، گۈل تىزىش ماھارىتىنى چۈشەندۈردى، كۇرسانتلار خاتىرە قالدۇرغاچ، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. «ئىلگىرى تېخنىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن يىراققا بېرىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر دەرسخانا بىۋاسىتە ئىشىك ئالدىمىزدا ئېچىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھەم ئائىلىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان، ھەم ماھارەت ئىگىلىيەلەيدىغان بولدۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىمىزدىن بىرى كۆپەيدى» دېدى كۇرسانت جېڭ يۈنليەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى يېزا - بازار (مەيدان)لاردىكى ئېتىز باشلىرىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيەلەش قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى. تەربىيەلەش 2025 - يىلى 11 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، 2026 - يىلى 4 - ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، يەتتە يېزا - بازار (مەيدان)نى قاپلىدى، 20 كۈن سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، كۇرسانتلار ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا مەشغۇلات كىنىشكىسى ئېلىپ، «تېرىقچىلىق ماھىرى»دىن كەسپىي «تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى»غا ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
«بىز كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئېھتىياجىغا قارىتا، <باھار شامىلى ھەرىكىتى> <بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش> <ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش> قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەردىن 55 مەيدان تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق، بۇ، بارلىق يېزا - بازار (مەيدان) ۋە سانائەت باغچە رايونىنى قاپلىدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خىزمەت ئىزدەشكە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلار تەسىس قىلىنىپ، <بىرگە بىر> دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىندى.» جىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى رۈييىڭ مۇنداق دېدى: 2025 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدە تۈرلۈك ماھارەت بويىچە جەمئىي 3732 ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۆگىنىشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» ئارقىلىق 300دىن ئارتۇق ئادەمنى دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 470 كارخانىغا 3800 ئىش ئورنى ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ، 5380 نەپەر خىزمەت ئىزدىگۈچىنى بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردۇق.
ئىشلەمچىلەر توپىنىڭ «ئىش تېپىش قىيىن بولۇش، ھوقۇقنى قوغداش قىيىن بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش قىيىن بولۇش»تىن ئىبارەت ئاغرىق نۇقتىسىغا قارىتا، جىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، تور سىرتى ئىشلەمچىلەر بازىرىدىن ئىككىنى، خەلققە قولايلىق ئىشلەمچىلەر پونكىتىدىن يەتتىنى قۇرۇپ، «جىڭ ناھىيەسى ئىشلەمچىلەر ئائىلىسى» تور سۇپىسى قۇرۇپ، «تور + تور سىرتى»، «مۇقىم + كۆچمە»، «شەھەر رايونى + يېزا - بازار» ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلدى. تور سىرتى بازىرىدا كېڭىشىش رايونى، دەم ئېلىش رايونى تەسىس قىلىپ، قايناق سۇ، توك قاچىلاش، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ تور سۇپىسىدا ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىش، ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت «بىر كۇنۇپكا بىلەن بىۋاسىتە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويۇپ، ئىشلەمچىلەرنى «كوچىدا ئولتۇرۇپ ئىش ساقلاش»تىن «بازاردا ئىش تېپىش»قا ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىرغىچە، ئىشلەمچىلەر مۇلازىمەت تورى ئاممىغا 6000 ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى.
«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، بىز باشتىن - ئاخىر ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقتۇق.» جىڭ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېڭ فاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ماھارەت يېتىشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەربىيەلەش ئىش تۈرلىرىنى يېڭىلاپ، توقۇمىچىلىق مۇلازىمىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ دەل جايىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ زاكاز شەكلىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشىك ئالدىدا ماھارەت ئۆگىنىش، خىزمەت تېپىش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.






