□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر لى لىن
1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 8دە، ئاپتوبۇسنىڭ موتور ئاۋازى شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى مەمەتيۈسۈپ مەمەتتوختى خىزمەتداشلىرى بىلەن يولغا چىقىشقا تەييارلانغان بولۇپ، تاشقورغاندىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولۇۋاتاتتى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل، تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ئوقۇتقۇچى كەمچىل. بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 2017 - يىلى 9 - ئايدا، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدە، شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرىدا قۇرۇلدى. ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بالىلار قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوغداپ يەتكۈزۈشى بىلەن ئۆيىگە قايتىدۇ.
«ئاپتوبۇسقا چىققاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىش بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ياخشى تاقاش.» مەمەتيۈسۈپ ئاپتوبۇس ئىچىگە كۆز يۈگۈرتۈپ، بالىلارغا قايتا - قايتا تاپىلىدى: «سەپەر جەريانىدا چوقۇم ئورۇندۇقتا چىڭ ئولتۇرۇڭلار، تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇڭلار، بىئارام بولساڭلار دەرھال ماڭا دەڭلار».
يولغا چىققاندا، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى. دېرىزە سىرتىدىكى ئاستا - ئاستا ئارقىدا قېلىۋاتقان ئاق تېرەكلەرگە قاراپ، مەمەتيۈسۈپنىڭ خىيالى 2018 - يىلىدىكى قىش كۈنلىرىگە قايتتى، شۇ چاغدا ئۇمۇ مۇشۇ يول بىلەن ئۆيىگە قايتىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپا يولدا يولبويى قۇسۇپ ماڭاتتى.
«شۇ چاغدىكى يولدا مېڭىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى.» مەمەتيۈسۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر قېتىمدا ئون نەچچە سائەت يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاغ يولى تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، كونا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى راھەت ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئاپتوبۇسقا ئالماشتى، لېكىن ئاشۇ قېنىق كۆك رەڭلىك فورما كىيگەن قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئىزچىل ئۆزگىرىپ باقمىدى.
«مەمەتيۈسۈپ ئاكا، مەن ئېسىڭىزدىمۇ؟» دېدى قىزىل تىۋىت بۆك كىيگەن بىر ئوقۇغۇچى بېشىنى چىقىرىپ «مېنىڭ ئىسمىم مەلىكەم ئابدۇرۇسۇل، ئاچام گۈلمىرە سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز».
مەمەتيۈسۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاچىڭىزنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ ئاپتوبۇستا بېشى قايغاچقا، ھەر قېتىم 1 - رەتتە ئولتۇراتتى».
ھازىر، گۈلمىرە ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئەينى يىلى گۈلمىرە دائىم ئولتۇرىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغانىدى.
«ئىلگىرى باشقىلار بىزنى قوغدايتتى» دېدى مەمەتيۈسۈپ «ھازىر، سىلەرنى قوغداش نۆۋىتى بىزگە كەلدى».
2024 - يىلى، شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن مەمەتيۈسۈپ يۇرتى تاشقورغانغا قايتىپ كەلدى. تۇنجى قېتىم ساقچى سالاھىيىتى بىلەن بۇ ئاپتوبۇسقا چىققاندا، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى ۋېنخاۋ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى سېنى قوغداپ ئاپىرىپ قويغان پېشقەدەملەر پېنسىيەگە چىقىپ بولدى، قوغداش كۈچ ئۇلاش كالتىكى ئەمدى سېنىڭ قولۇڭغا ئۆتتى».
بۇ ۋارىسلىق قىلىش ئىنچىكە ھەم كونكرېت ئىدى. ھەر قېتىم يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوبۇسنى تەكشۈرگەندە، مەمەتيۈسۈپ ھەمىشە پار تۇرۇبىسىنى تۇتۇپ باقاتتى، چۇنكى، چوڭ ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭغا ئېگىزلىكتە ئاپتوموبىللىق يول يۈرگەندە پار ناھايىتى مۇھىم، دەپ تاپىلىغانىدى؛ ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسقا چىققاندا، ئۇ ھەمىشە «سومكاڭلارغا سولياۋ خالتا سېلىۋېلىڭلار» دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى، بۇ، ھەمىشە ئۇنىڭغا ئاپتوبۇسقا چىققاندا كۆڭۈل ئاينىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى بېرىدىغان ھېلىقى پېشقەدەم خەلق ساقچىسى دائىم دەيدىغان سۆز ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، ئاپتوبۇس ئەترىتى تاشقورغان ناھىيە بازىرىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى، ئارقىدىن يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزا - كەنتلەرگە ئاپىرىپ قويدى. مەمەتيۈسۈپ بۇ ناھىيەدىن بىرقەدەر يىراق بولغان داتۇڭ يېزىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ قويۇشقا مەسئۇل ئىدى، «بالىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش سەپىرى جەزمەن ئەڭ بىخەتەر سەپەر بولۇشى كېرەك، بىز بىر ئۈلۈش كۆپرەك ئەستايىدىل بولساق، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى بىر ئۈلۈش ئازراق بولىدۇ».
كەچقۇرۇن، ئاپتوبۇس ئېگىزلىكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كەنتكە يېتىپ باردى. كەنت ئاھالىسى دىلبەر غەيغۇل بالدۇرلا كەنت بېشىدا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ئوغلىنىڭ ئاپتوبۇستىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ چىڭ قۇچاقلىدى، ئاندىن ھاياجانلانغان ھالدا مەمەتيۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا مۇنداق دېدى: «بالىمىز ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراقتائوقۇيدۇ، سىلەر يول بويى قوغداپ ئاپىرىپ قويغاچقا بىز خاتىرجەم».
گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىدى، بالىلارنى ئاپىرىپ بولۇپ قايتىدىغان ئاپتوبۇسلار جىمجىت تاغ يولىدا كېتىۋاتاتتى، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدىن خىزمەتدىشى غىڭشىپ ئېيتقان «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» دېگەن ناخشا ئاڭلاندى، مەمەتيۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پەس ئاۋازدا ئېيتىشقا باشلىدى.
مەمەتيۈسۈپ مۇنداق دېدى: شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر تاشقورغاندىكى بالىلارنى قەشقەر شەھىرىگە ئوقۇشقا ئىزچىل قوغداپ ئاپىرىپ قوياتتى، ئېگىزلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش يولىنى خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلار 16 يىل كۈچ ئۇلاپ قوغدىدى. 16 يىلدىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتى، مەكتىپى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، مەكتەپكە بېرىش ۋە ئۆيىگە قايتىش يولىمۇ بارغانسېرى قولايلاشتى.






