تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى) 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، تولى ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك گۈل پارنىكىدا، «چۇنليەن يېزىپ بەختكە چۆمۈلۈش . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش . خۇشال كەيپىيات بىلەن باھار قەدىمىنى باشلاش . تولىدا باھار شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قىزغىن باشلاندى. خەلق ئۆرپ-ئادىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ھەمتۈرتكە بولۇش بىر گەۋدە قىلىنغان بۇ باھار بايرىمىلىق كاتتا زىياپەت مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، كۈلكە-چاقچاق سادالىرى بىلەن باھار بايرىمىنى بىرىلىكتە كۈتۈۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاھالىلەر بىرلىكتە قارا جورغا ئوينىماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاھالىلەر يۈجۈ تىياتىرىنى بىرلىكتە ئورۇنلىماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئاھالىلەرگە باھار بايرىمىلىق چۇنليەن سوۋغا قىلماقتا.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا بايراملىق كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى. باھار بايرىمىلىق چۇنليەن يېزىپ بەخت تىلەش رايونىدا، قىزىل قەغەز يېيىتىلىپ خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى قەلەم تەۋرىتىپ، «بەختكە تولغان ماكان»، «دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى»دىن ئىبارەت گۈزەل تىلەكلەرنى ئىپادىلىدى. 500دىن ئارتۇق چۇنليەن ۋە «福» خېتى ئاھالىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈپ، بايراملىق ئۆرپ-ئادەتنىڭ سېھرىي كۈچى يەتكۈزۈلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ھالقىسىدا ياخشى ئويۇنلار ئارقا-ئارقىدىن قويۇلدى. دومبىرا كۇرژۇكىدىكى بالىلار ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، بارماقلىرىنى ئوينىتىپ لەرزان مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، مىللىي چالغۇلارنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى؛ تىياتىر مەستانىلىرى جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ يېقىملىق ئاھاڭى، گۈزەل بەدەن قىياپىتى قىزغىن ئالقىش ياڭراتقان تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاھالىلەر مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر كىچىك دوست «福» خېتىنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئارتىسلار مىللىي مۇزىكا چالماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، كىچىك دوستلار مىللىي مۇزىكا چالماقتا.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاھالىلەر ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىماقتا.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئېكولوگىيەلىك گۈل پارنىكى ۋاسىتە قىلىنىپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت مەزمۇنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەم مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنىپ، ھەم ئاممىنىڭ بايراملىق تۇرمۇشى بېيىتىلىپ، خۇشال-خۇراملىققا تولغان باھار بايرىمىلىق كەيپىيات يارىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تولى ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك گۈل پارنىكى تاماشا قىلىش، مايسا يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان خەلق تۇرمۇشى ئېكولوگىيە يەر بەلگىسى بولۇپ، قىش پەسلىدىكى كىلىمات چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باھار بايرىمىدىكى قارشى ئېلىنىدىغان داكا ئورنىغا ئايلانغان. ئۇ گۈل-گىياھ يېتىشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، يىلىغا 600 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت يېتىشتۈرۈلمەكتە، بۇ ھەم ناھىيە ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تىرىكى، ھەم تولى ناھىيەسىنىڭ ياشاشقا ماس كېلىدىغان مۇھىتى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى نامايان قىلىدىغان جانلىق كۆزنەك بولۇپ قالغان.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






