تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

«تاۋباۋ كەنتى»دىكىلەر بېلىق بېقىپ بېيىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، بوغدا چوققىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ لۇخۇاشياڭ بېلىق باقمىچىلىق بازىسى ئالدىراشلىققا تولدى. ئىشچىلار كۆل بويىدا بېلىق تورىنى تارتقاندا، گۆشلۈك ھەم تەملىك سوغۇق سۇ بېلىقلىرى توردا پىلتىڭلاپ، مول ھوسۇل خۇشاللىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

شىنجاڭ لۇخۇاشياڭ بېلىق باقمىچىلىق بازىسى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى لۇساۋگوۋ يېزىسى رېنمىن جۇاڭزى كەنتىگە جايلاشقان. بۇ كەنت شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىش ۋە ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى كەسپى تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2020 - يىلى «تاۋباۋ كەنتى بويىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 100 كۈچلۈك كەنت تىزىملىكى»گە تاللانغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەنت سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىشقا تايىنىپ بېيىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى.

جىن نا رېنمىن جۇاڭزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ھازىر سىچۇەن تاراتقۇ شۆيۈەنىنىڭ تىياتىر، كىنو - تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتە سوغۇق سۇ بېلىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشقا، تەشۋىقات سىنى تارتىشقا تەكلىپ قىلدى.

جىن نا يان تېلېفوننى كۆتۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلىدى، «مانا بۇ يۇرتۇمدا بېقىلغان سوغۇق سۇ بېلىقلىرى.» ئۇ كامېراغا قاراپ تۇرۇپ، ئۆزى بەش قولدەك بىلىدىغان ئوكۇن بېلىقى، رەڭدار كۇمجا بېلىقى، سېرىق كۇمجا بېلىقى، شەرقىي ئاسىيا قايران بېلىقى قاتارلىقلارنى تورداشلارغا تونۇشتۇردى.

«مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ <تاۋباۋ كەنتى> ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەنگەنسىلەر، بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئەلا سۈپەتلىك سوغۇق سۇ بېلىقلىرى بېقىلىدىغان بولدى» دېدى جىن نا ئىپتىخارلانغان ھالدا تورداشلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ.

2024 - يىلى، مىدۇڭ رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى ئىلغار رايونلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز جايىنىڭ يەر ئاستى سوغۇق سۈيى ۋە قار سۈيى بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز مالىيەسى ئۇدۇللاشتۇرۇپ بەرگەن 12 مىليون يۈەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يەر كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆي ئىچى بېلىق باقمىچىلىقى بازىسى قۇردى ھەم 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىدىن بىرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇردى.

بېلىق باقمىچىلىقى بازىسى پۈتكەندىن كېيىن، مىدۇڭ رايونى لۇساۋگوۋ يېزىسىدىكى رېنمىن جۇاڭزى كەنتى پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشلامچى بولۇپ، بېيجىڭ خۇينۇڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ شاڭدا گۇڭيۇڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ لۇخۇاشياڭ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئورتاق قۇرۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ يۈرۈشتۈرۈپ، سوغۇق سۇ بېلىقىنى زاۋۇتلاشتۇرۇپ بېقىش، پۈتۈن يوللار ئارقىلىق سېتىش، تېخنىكا كېڭەيتىش قاتارلىق كەسىپلەرگە مەسئۇل بولۇپ، «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا كۈچ قوشىدىغان، كەنت - مەھەللە قاتنىشىدىغان» كۆپ خىل ماس تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

«بېيجىڭ، جېجياڭدىكى شىركەتلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشىدا، بۇلتۇر 4 - ئايدا، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقلىرى يۇرتۇمغا ماكانلاشتى.» بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش جەريانىدا، جىن نا تۇيۇقسىز كامېرانى رېنمىن جۇاڭزى كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جىگوغا قاراتتى.

«ۋاي - ۋۇي، مەن تېخى ياخشى تەييارلىنىپ بولالمىغانتىم!» جاڭ جىگو سەل تارتىنىپ قالدى، لېكىن بېلىقنى چۈشەندۈرۈشنى باشلىغاندا، ناھايىتى تېزلا تەمكىنلىشىپ، كامېراغا قاراپ بىمالال سۆزلىدى، «بىز تىيانشان تېغىنىڭ قار سۈيىنى باقمىچىلىق سۇ مەنبەسى قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى دەل جايىدا كونترول قىلىش تېخنىكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئورگانىك باقمىچىلىق ئۆلچىمى بويىچە باشقۇرۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا مەنبەدىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

نەق مەيداندىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە قاراپ، جاڭ جىگونىڭ خىيالى بۇلتۇر 6 - ئايغا قايتتى. شۇ ۋاقىتتا، بىر قىسىم بېلىقلاردا يەم يېمەيدىغان، يەنە تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ھەممەيلەننى ناھايىتى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

«بىز ھەمكارلاشقان كارخانىنىڭ تېخنىك خادىمىنى تېلېفون قىلىپ تەكلىپ قىلدۇق، تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندىن كېيىن، بىزنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بولغان چۈشىنىشىمىز يېتەرلىك بولمىغاچقا، سۇ تېمپېراتۇرىسى، ئېرىگەن ئوكسىگېن مىقدارى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنى ياخشى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبىدىن، بېلىق توپىدا جىددىي رېئاكسىيە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدى.» جاڭ جىگو مۇنداق دېدى: ئارقىدىن مەن كەنتىمىزدىكى بىرقانچە ئاھالە بىلەن تېخنىك خادىمىغا ئەگىشىپ يەنە بىر نۆۋەتلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، بازىدىكى ئايلانما سۇ سىستېمىسى، تېمپېراتۇرا كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆپچىلىك ناھايىتى پىششىق ئىشلىتەلەيدۇ، سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنىڭ سۈپسۈزۈك كۆلچەك سۈيىدە چوڭىيىۋاتقانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنى بېقىش بىلەن بىللە، جاڭ جىگو نىلقا ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىدا، «تىيانشاندىن چىققان سالمون بېلىقى» تور سىرتىدا سېتىش دۇكىنى قۇردى.

بۇلتۇر جۇڭچيۇ بايرىمىدا، تۇنجى تۈركۈم سوغۇق سۇ بېلىقلىرى بازارغا سېلىندى. گۆشىنىڭ چىڭلىقى، تەمىنىڭ ئېسىللىقىغا تايىنىپ، تىيانشان ئېتىكىدىن كەلگەن بۇ «سۇدىكى قىممەتلىك جانلىق»لار بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا «بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات»قا ئايلىنىپ، ئۆز جايىدىكى بازارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.

«مەن شۇ ۋاقىتتا 20 مىڭ يۈەن پاي قوشقانىدىم، تۇنجى قېتىم پايدا تەقسىم قىلغاندا ماڭا 2000 يۈەن تەگدى» دېدى كەنت ئاھالىسى جاڭ مىڭ خۇشال ھالدا.

جاڭ مىڭ پايچىك، شۇنداقلا باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تىرىك بېلىقلار قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ كەنتتىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ۋە كەنت ئاھالىلىرى شادلىققا چۆمدى. جاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: بازا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالغان پايدا يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە تەقسىم قىلىندى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.

«مانا بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، ئۆزگەرگىنى بېيىش كەسپى، ئۆزگەرمىگىنى كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى.» جىن نا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتە قوللىشى بار، قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمى بار، يەنە كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ بېيىش يولىغا ئاتلاندۇق، كەنتىمىزنىڭ «بېيىش بېلىقلىرى»نىڭ چوقۇم تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدىغانلىقى، تېخىمۇ يىراقلارغا سېتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش يەنىلا داۋاملاشماقتا، زاكاز چۈشۈرۈش ئۇچۇرلىرى كەينى - كەينىدىن كەلمەكتە...

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.