□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ
2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا ئادەم كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تەرتىپلىك ئىدى، يۇرتىغا قايتىش قەدىمىگە ئىللىق مۇلازىمەت قوشۇلۇپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مەنزىرە نامايان بولدى.
ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسىدا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئەرمەك ھايۋانلار ئاۋىياتسىيە ساندۇقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدە كەسپىيلىكى ۋە مېھرىبانلىقى تولۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى جەمئىي توققۇز «ئەرمەك بالا» ئىگىلىرى بىلەن بىللە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە ئاتلاندى.
«ئەسلىدە ئىككى ئەرمەك ھايۋىنىمنى ئېلىۋالسام ئاۋارىچىلىك بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ئويلىمىغان يەردىن سەپىرىم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، مۇلازىمەتتىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان جۇڭ ئەپەندى بېجىرىلىپ بولغان ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى قولىدا تۇتۇۋالغان بولۇپ، چېھرىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.
ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئىچىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن سەنياغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى ئالدى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. «قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتا - ئانامنى ئېلىپ خەينەنگە ماڭدۇق، چامادانىمىزغا شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى ۋە سۈرلەنگەن قېزىلارنى لىق ئېلىۋالدۇق، ھەممىسى تۇغقانلىرىمىزغا ئېلىۋالغان بايراملىق سوۋغاتلار» دېدى ئاتا - ئانىسىنى ئېلىپ سەپەرگە چىققان يولۇچى جاڭ لى كۈلۈپ تۇرۇپ.
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن خەينەنگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى «سوغۇقتىن دالدىلىنىش نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى»نىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى ئالتە نۆۋەتكە يېتىپ، ئومۇمىي ئورۇن سانى 2025 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16 ئېشىپ، «پەسىل قۇشى شەكلى»دە سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلارنى يېتەرلىك ھەم قولايلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنىڭ قەھرىتان سوغۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سومكىسى» تارقىتىپ، يولۇچىلارنىڭ قېلىن كىيىملەرنى يىغىشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ ھەرىكىتى قولايسىز يولۇچىلارغا قارىتا، «ئاپتوموبىل ئىشىكىدىن بۆلمە ئىشىكىگىچە» بولغان يوچۇقسىز مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.
كىشىلەر توپى ئارىسىدا، قىزىل جىلىتكە كىيگەن بىر توپ پىدائىيلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) مەشئەل پىدائىيلار جەمئىيىتى قوبۇل قىلغان «قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى»نىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلىنىشنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ۋاڭ فاڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىلا مۇلازىمەت قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. چوڭ - كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بىر ياشانغان ئايالنىڭ تەسلىكتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال تېز قەدەم بىلەن ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يۈك - تاقلىرىنى قولىغا ئېلىپ: «ئاچا، مەن كۆتۈرۈشۈپ بېرەي، بۇ يەردىكى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش يولىدىن ماڭسىڭىز تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياشانغان ئايال «مېھىر - شەپقەت يولى»دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.
شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خەن جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى «ياش پىدائىيلار سەپىرى. ئۆيگە قايتىش ئىللىق يولى − قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى»نى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) مەشئەل پىدائىيلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويغان بولۇپ، جەمئىيەت ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن تۇنجى تۈركۈمدە 160 پىدائىينى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ، تۇنجى قېتىم «ھۆكۈمەت - كارخانا - مەكتەپ» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلدى. پىدائىيلار ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ ھەممە يېرىدە ئالدىراش يۈرۈپ، پىدائىيلار ئىللىقلىقى ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ ئۆيگە قايتىش يولىنى يورۇتتى.
يولۇچىلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رايونىدا، يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن A3 دەرىجىلىك مىللىمېتىر دولقۇنلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى زور تۈركۈمدە ئىشلىتىلدى. يولۇچىلار پەقەت تەكشۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، ئىككى قولىنى تەبىئىي ئېچىپ تۇرسىلا، نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى تاماملىيالايدۇ، بۇ ئۈسكۈنە مېتال بۇيۇملارنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپلا قالماي، يەنە مېتاللوئىد بۇيۇملاردىن ياسالغان مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنىمۇ تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرۈپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش تەرتىپىنى ھەم بىخەتەر، ھەم راۋان قىلدى، بۇ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە يولۇچىلار دېيىشىۋاتقان «راھەت ھېس قىلىش»قا ئايلاندى.
ئايروپورتتا دائىملىق ئېچىۋېتىلگەن «مېھىر - شەپقەت يولى»دا ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بالىسىنى ئېلىپ ماڭغان يولۇچىلار ۋە ھەرىكىتى قولايسىز كىشىلەرگە مەخسۇس يول ئېچىپ بېرىلدى. كېچىكىپ قالغان يولۇچىلارغا قارىتا، ئايروپورت «كېچىكىپ قالغانلار يولى» تەسىس قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى؛ ئىللىق «ئائىلە ئاتا - ئانا ۋە بالىلار يولى» ئاتا - ئانىلارنى بالىلىرىنى ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن ئازادە ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ قىستىلىش باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلدۇردى.
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان تەپسىلاتلار سەپەرگە چىققان ھەربىر دەقىقىگە مۇجەسسەملەندى: خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئىسسىق سۇ، قەغەز ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى تەييارلانغانىدى؛ پىدائىيلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ۋاقتىدا يول كۆرسىتىپ سوئاللارغا جاۋاب بەردى، يۈك - تاقلارنى توشۇشقا ياردەملەشتى... كىچىككىنە مېھىر - مۇھەببەتمۇ قىشتىكى ئىللىق ئېقىمغا ئايلىنىپ، جەم بولۇشقا ئاتلىنىدىغان بۇ مەيدان باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يولىنى ھەم سەپەرگە چىقىش سۈرئىتىگە، ھەم تولۇپ تاشقان مېھىرگە ئىگە قىلدى.






