تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش

− 2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□شىن زۇشۈەن

2025 - يىلى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلات خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، ئېتىقاد كۈچنىڭ مەنبەسى. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى. ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ كۈندە ئۆگىنىش، دائىملىق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئىبرەت تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، سەلبىي دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلاپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر 354 مىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا، 266 مىڭ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە تۈرتكە بولدى. «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بويىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بويىچە تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى سىجىل ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى»دىن توققۇز قارار ئۆتكۈزۈپ، 126 مىڭ ئادەم قېتىم كادىرنى تەربىيەلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئاساسىي تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى. دىققەتنى ئاساسىي تەربىيەلەش ئوبيېكتى، مەزمۇنى، شەكلى، ئوقۇش تۈزۈمى، دەۋرىيلىكى، سۇپىسى قاتارلىق ئامىللارغا مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، كۆپ ئامىل يۇغۇرۇلغان، كۆپ ھالقا تۇتاشتۇرۇلغان، كۆپ ئاساسىي گەۋدە ھەمكارلىشىدىغان تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسى ئاجىز ناھىيە دەرىجىلىك ئون پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى ھۆددە ئېلىپ قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قونجىراپ كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش بازىسىنى تەسىس قىلىپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش بازىسى بىلەن تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش پونكىت - نۇقتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تولۇق قاپلىغان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا تايىنىپ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ

كەڭ كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن باشلامچى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم بولغىنى ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاللاپ يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقتى.

سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلىدى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى سىياسىي پوزىتسىيە ۋە ئەمەلىي ئىپادىنى ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى باش ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، تايىنىشقا بولىدىغان، خاتىرجەم قىلىدىغان كادىرلارنى ھەقىقىي تاللاپ چىقىپ، قەتئىي تۈردە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئىشىك سىرتىدا توسۇپ قالدى.

رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان دائىملىق ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، «قوش ھۆكۈم قىلىش» «قوش باھالاش» خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، «ياخشى ئىشلىگەن» بولسىلا «ياخشى ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىدە «تەڭشەلگەن بولسىلا جەزمەن تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇردى. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئايال كادىرلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، ئاساسىي قاتلامدا پۇختا چېنىققان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ئىشلىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇردى، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ياخشى تۇتتى. كادىرلار قوشۇنىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باش ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تۆت قارار مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى. تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باش ۋەزىپىدىكى كادىرلار ۋە ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرىنى تولۇق قاپلىغان تەربىيەلەشنى ئېلىپ باردى. مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان، تاۋلايدىغان چوڭ دەرسخانا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەت داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كادىرلارنى قاتتىق باشقۇردى ۋە نازارەت قىلدى. باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى تولۇق قاپلىغان شەخسىي ئالاقىدار ئىشلار دوكلاتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «بىرىنچى باشلىق»، ياش كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، چۈشۈرۈشكىمۇ بولۇشنىڭ دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھازىرقى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماس كەلمەيدىغان كادىرلارنى ۋاقتىدا تەڭشىدى. كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىيات ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. كادىرلارنى سىناش، باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىناش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرلارنىڭ نەتىجە، ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىناش نەتىجىسىنى «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىدە قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ۋەزىپە دەرىجىسى، ۋەزىپە سانىنى ئىشلىتىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلارنى خاتىرجەم تۇرۇپ قېلىش، خاتىرجەم بولۇش، خاتىرجەم ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ

يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى

ئىختىساسلىقلار توپلانسا، ئىشلار گۈللىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، رايون ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، يىپەك يولىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ئەلالاشتۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، «2 + 3» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ ۋە توپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قاتارلىق مۇھىم ئېھتىياجلارنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈردى. ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار باشلامچى بولغان يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كوللېكتىپ شەكلىدە، پۈتۈن ئىشتات بويىچە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرى خىراجىتىنى ئىشلىتىشنى «ھۆددە ئېلىش تۈزۈمى» قاتارلىقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 74 كەسىپ، ساھەنىڭ ئۇنۋان باھالاش شەرتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «توغرا يۆنىلىشتە ھوقۇق بېرىش + پاسسىپ تىزىملىك» شەكلىدىكى ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل تۈردە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئاساسىي گەۋدىلەرگە ھوقۇق بەردى، ئىختىساسلىقلارنى چۈشەكتىن بوشاتتى. 12 - تۈركۈمدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرنى خۇشال قىلىدىغان، يىراقتىكىلەرنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە قىزىقتۇرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتتى.

كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش، يۇمشاق ئۇسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار تايانچلىرىنى ۋاقىتنى تەڭشەپ نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىشنى ياخشىلاش، ئەلالاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، ئالاقىدار ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەر(ئورۇن)لەرگە تەشكىللىك، پىلانلىق بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ تېخىمۇ تولۇق بولۇشىنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇردى. «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 49 نۇقتىلىق دوختۇرخانىنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈردىن 975نى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ 604 تۈرلۈك تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان مەكتەپلەر بىلەن ياردەم بېرىۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى «كىچىك ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ

پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئۇلنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى پۇختىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى زىچ مۇستەھكەملىدى. «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىڭتۇەن ليەندۈيلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى كەنت پارتىيە تەشكىلاتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى جايدىكى يېزا - كەنتلەر بىلەن بولغان ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە كېڭەيتتى. يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە «ئىككىنى قاپلاش» بويىچە مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورگان، دۆلەت كارخانىسى، مەكتەپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېمىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاساسىي قاتلام كۈچلىرىنى تولۇقلىدى ۋە كۈچەيتتى. يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) كادىرلىرى ئىش ئورنىنىڭ كەنتلەردىكى «2112» خىزمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) كادىرلىرىنى كەنت (مەھەللە)لەرگە چۈشۈپ خىزمەت قىلىشقا تەشكىللىدى. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى زاپاس كۈچنى «يەتتە بىر تۈركۈم» بويىچە يېتىشتۈرۈش، زاپاس تەييارلاش، شىنجاڭ سىرتىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇش قاتارلىق پىلانلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، 5627 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرى ۋە يېزىلاردىكى ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭ سىرتىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى 296 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، كەنتتە تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا ئەلالاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)نىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مەملىكەت بويىچە ئالدىن قانات يايدۇردى. چېگرا رايوندا «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە يار - يۆلەك بولۇش، بىرلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. «يەتتىنى يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزۈش» «سەككىزنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش»كە ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان 100دىن ئارتۇق مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويدى. كەنتنى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئاجىز كەنتلەر»نىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى نامايان قىلىش، ئۈچتە بەسلىشىش» بويىچە تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزلىك تىزىملاش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، «تۆت قاتلاملىق ئىلغاپ تەكشۈرۈش» بويىچە ماس ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك قىلدى.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يەنە ئاتلىنىش. 2026 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.