□ شىن شىجيەن
جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى غۇيۇلداپ قاتنىدى، كۆرگەزمىلەردە قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، خەلقئارا پورتلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بەس - بەستە يېتىپ كەلدى... بۇلار جانلىق ھالدا بۇ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە پۈتۈلدى. بۇ، ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ چاقناپ تۇرغان ئۇلۇغۋار پىلانى، بۇ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى باھارنى كۈتۈۋېلىش مەنزىرىسى، بۇ، ئۈمىدكە تولغان ئورتاق پايدا ئېلىش كۆۋرۈكى، بۇلار بىزنى يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ھازىر، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى زەربىگە ئۇچراۋاتقان، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتقان مۇھىتتا، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ئەكسىچە تېخىمۇ گەۋدىلەندى. قىسقىغىنا نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمىدە 200 مىليارد يۈەندىن 500 مىليارد يۈەنگىچە بولغان «ئۇدا تۆت قېتىم ھالقىش» تاماملىنىپ، 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 520 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئېچىۋېتىش ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق بوشلۇقى پائال كېڭەيتىلدى... ئېچىۋېتىشكە ئالاقىدار بۇ «تېما»لاردا ئاساسىي سوئال شەكلىدىن مۇرەككەپ سوئال شەكلىگە ئۆتۈشتە، «ھالقىش»تىن «يۇقىرى ئۆرلەش»كە قاراپ قەدەم تاشلاندى، بۇ، بىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىجىل ئېچىۋېتىش جۇشقۇن ۋەزىيىتىنى ئۇرغۇتۇشىمىزغا ئېھتىياجلىق.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يول ئىقتىسادى شىنجاڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن يول ئىقتىسادىنى كەسىپ ئىقتىسادى، پورت ئىقتىسادىغا ئايلاندۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم. شىنجاڭدا نۇرغۇن سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت بار، بۇ پورتلار تاۋار ئىمپورت - ئېكسپورتىدىكى «دەرۋازا» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان «تۈگۈن»گە ئايلاندى. تۈگۈن خۇددى سۇ تارتىدىغان سۇ مۇنارىغا، ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۈرەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، يولنى تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇشتا، كەسىپنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان كۈچ، بايلىقنى ئاشۇرىدىغان ۋە پۇرسەت يارىتىدىغان كۈچ ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا بارلىق يولنى ھەممە يوللار راۋان بولۇشقا ئايلاندۇرۇپ، كۆپ لىنىيەنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تورى قىلىپ توقۇپ، پورت ئىقتىسادى، كەسىپ ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كەڭلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە «كىرگۈزۈش» بىلەن «سىرتقا چىقىرىش»نىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «كىرگۈزۈش» «سىرتقا چىقىرىش»تا ئىنتايىن پايدىلىق سىناقلارنى ئېلىپ باردى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، 12 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى تىيانشان مۇنبىرى قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جاي - جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار شىنجاڭغا جەم قىلىنىپ، «شىنجاڭغا مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق»تىن ئىبارەت ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى. «كىرگۈزۈش» «سىرتقا چىقىرىش» قارىماققا بىرى كىرگۈزۈش، بىرى سىرتقا چىقىرىش بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىككى تەرىپى، ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئېچىۋېتىش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ، سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ ماركا نامى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ مۇقىم كېڭىيىشى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق ۋاسىتە ۋە مۇھىم موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېقىندا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونىدىن بەشنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ زور ئىسلاھات - تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى قوزغىتىشتا ئۇلنى مۇستەھكەملىدى. 1 - تۈركۈمدىكى ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىگەندە، ئاندىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئېچىۋېتىش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوشقىلى بولىدۇ.
ئېچىۋېتىش ئۆزىگە ئىشىنىش بىلەن زىچ باغلانغان. ئۆزىگە ئىشەنگەندە، ئاندىن ئېچىۋېتىش غايەت زور پاراخوتى يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ؛ ئېچىۋېتىش بولغاندا، ئاندىن ئومۇمىي ئەندىزە، چوڭ بازار، كەڭ نەزەر دائىرە ئىچىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتى بىزگە كۈچلۈك ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ھېس قىلدۇردى. بۇ خىل ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئاددىي، چىن مەنە مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئېچىۋېتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىپ، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى بارغانسېرى موللاشتۇرايلى.






