تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، 2026 - يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇشىمىز، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشقا كۈچەپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشقا كۈچەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە كۈچەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۈچەپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىكى ھاياتىي كۈچنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادىنى نامايان قىلىش كېرەك. كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، قائىدە ۋە داۋلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئورتاق ھېسسىيات ۋە ئورتاق سادا شەكىللەندۈرۈش، جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىنى نامايان قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، غەيرەتنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچەش، تاراتقۇ ئىسلاھاتىدا قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات، تور ۋە تور سىرتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاخبارات ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشەنچنى كۈچەيتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، قەلبداش بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى «ئەلا» بولۇشقا قويۇپ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، نادىر ئەسەرلەرنى سىجىل ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يېڭى» بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. دىققەتنى «ئۈنۈم»لۈك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىكى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا تارقىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار سۆز قىلىش ۋە بايان قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تاشقى ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاكتىپ، ئىجابىي تونۇشنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەشتە تېخىمۇ ئەمەلىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ قاتارلىق ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، چوڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.