تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2025 - يىللىق تەشكىلات خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2026 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇملۇقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تەشكىلات خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ فونكسىيەسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دەل جايىدا بولۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي نەتىجىنى باھالاشنى ياخشىلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە ھەر تەرەپلىمە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش بىلەن تۈرلۈك كادىرلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆتكەل، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىقتىدار ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ھەقىقىي سادىق، ئىشەنچلىك، دىلى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولغان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش كېرەك. كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش - تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇپ چېنىقتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھوقۇقنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى چىڭىتىپ، خىزمەت كۈچلىرىنى بىرىنچى سەپكە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ، ئوچۇق، ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىختىساسلىقلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش سۇپىسى، ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنى پارتىيەنى سۆيۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»تىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئادىل، دۇرۇس بولۇشنى ساقلاپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئۆتكىلىنى ياخشى ساقلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى تاۋلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇش، ئۆزىنى چىڭ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەمۇنىلىك تارماق ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇننى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

جاڭ ۋېنشېڭ بىڭتۇەننىڭ تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.