تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2026 - يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى

يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن جيانو، خۇ لۇ) پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەركەزنىڭ 14 - قېتىملىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېلان قىلدى، ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ھۆججەتنىڭ تېمىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» بولۇپ، تولۇق تېكىستى جەمئىي ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دائىملاشقان دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى يولغا قويۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھۆججەتتە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى باش تۇتقا قىلىپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى سەۋىيەسى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات، گۈزەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.