تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىش، 福 خېتى بېسىش مەھەللە ئاھالىلىرى كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىدە، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر بىرلىكتە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) «گارت، گارت» قىلغان قەغەز قىيغان ئاۋاز، بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى، قوشنىلارنىڭ قىزغىن پاراڭلىرى گىرەلىشىپ، ئەتراپ ئىللىق كەيپىياتقا چۆمۈلدى. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىدە، ھەر مىللەت ئاھالە بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر مەيدان خەلق ئۆرپ-ئادەت پۇرىقىغا تولغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى قىزغىن باشلاندى، كۆپچىلىك دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىش، 福 خېتى بېسىش شەكلىدە كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

   پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئاھالىلەر چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن قەغەز قىيىق گۈلى قىيىش ماھارىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، قىزىل قەغەزلەر بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان دېرىزە گۈللىرىگە ئايلاندى. بىر چەتتە تۇرغان كىچىك دوستلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، 福 خېتىنى ئەستايىدىل بېسىپ، چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

   «بۇ پائالىيەت بەك ئەھمىيەتلىك بولدى، دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىشنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن قوشنىلار بىلەن تونۇشتۇق، كۆپچىلىك بىرلىكتە مۇڭداشتۇق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياسىدۇق، قويۇق باھار بايرىمى پۇرىقىنى ھېس قىلدۇق.» مەھەللە ئاھالىسى ۋاڭ ھەدە ئۆزى قىيغان دېرىزە قىيىق گۈلىنى قولىغا ئېلىپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىچىك دوست ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە ئاھالىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىدە، ئاھالىلەر دېرىزە قىيىق گۈلى قىيىش ماھارىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىدە، ئاھالىلەر قەغەز قىيىق گۈلى قىيماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىچىك دوستلار ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىدە «福» خېتىنى باسماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىچىك دوستلار ئۆزلىرى تاماملىغان «马年吉祥» باسما ئەسىرىنى نامايان قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاھالىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسى ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىگە دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلاپ، بايراملىق كەيپىيات ياراتماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.