تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەپەرگە چىققاندا دىققەت قىلىڭ! شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يوللاردا مۇز تۇتۇش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئېلان قىلدى

   جۇڭگو ھاۋارايى تورىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يوللاردا مۇز تۇتۇش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قار يېغىپ، يوللار تېيىلغاق بولۇپ كېتىدىكەن، يوللارنى مۇز تۇتۇپ قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

   سائەت 16:00لەرگىچە، ئىلى ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ھەمدە كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىلىرى يوللاردا مۇز تۇتۇش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئېلان قىلدى.

   ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى يېرىم كېچىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار يېغىپ، يوللارنى مۇز تۇتۇپ، تېيىلغاق بولۇپ، قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن؛ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەلىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار، شەھەر يوللىرى، يېزا تاشيوللىرىدا قار يېغىپ، يول يۈزى تېمپېراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن، يوللارنى مۇز تۇتۇپ قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 8دىن 5-كۈنى سائەت 8گىچە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. سۈرەت\شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

   2-ئاينىڭ 4-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا بوران كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.