تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش | باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئىللىقلىققا تولغان سەپەر

     2-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى، جاي-جايلارغا بارىدىغان يولۇچىلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېلىپ، يۇرتىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

    سائەت 9لاردا، ئۈرۈمچى ۋوگزالى شىمالىي مەيدانىنىڭ ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزىدا، چامادان سۆرىگەن، بالىلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. «ياخشىمۇسىز، كىملىكىڭىزنى سۈركەپ ۋوگزالغا كىرىڭ، جىددىيلەشمەڭ، ئاستا مېڭىڭ.» ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزىدىكى راست نام تۈزۈمى بويىچە تەكشۈرۈش توسۇقىدا، يېشىل جىلىتكە كىيگەن پىدائىي ياڭ مېييەن يولۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىگەچ، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

2 -ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يولۇچىلارغا سوۋغات بەرمەكتە. شۇ كۈنى، 2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلاندى، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 6 مىليون 70 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەندى. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ ئۆيگە تىنچ-ئامان قايتىش يولىنى قوغدايدۇ.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

   باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى «تىيانشان قار لەيلىسى» مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى 80 نەپەردىن ئارتۇق ياش پىدائىي شىنجاڭدىكى بۇ ئەڭ چوڭ تۆمۈريول يولۇچى توشۇش بېكىتىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يولۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، يولۇچىلارغا قايناق سۇ يەتكۈزۈپ بەردى، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدىن بېلەت سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى...

   پويىز كۈتۈش زالى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، سىرتتىكى قەھرىتان سوغۇق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەنگەنىدى. «تىيانشان قار لەيلىسى» مۇلازىمەت سۇپىسى ئالدىدا، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا قىزغىن جاۋاب قايتۇرۇۋاتاتتى، ئۈستەلدىكى خەلققە قولاي ساندۇقتا توكلىغۇچ، يىپ - يىڭنە خالتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

   نۇقتىلىق يولۇچىلار پويىز كۈتۈش مەخسۇس رايونى پاكىز، يورۇق بولۇپ، لىفىت ۋە بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىغا يېقىن ئىدى، ئارام ئېلىش ئورۇندۇقى، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى ۋە مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى سەپلەنگەنىدى. ۋوگزالدا نۇقتىلىق يولۇچىلار مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە ھەربىيلەر پويىز كۈتۈش رايونى ئېچىلىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلغانىدى.

   «ۋوگزالدا يەنە خەلققە قولاي داۋالاش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، داۋالاش ساندۇقى سەپلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئانا-بوۋاقلار ئۆيىدىكى ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولۇچىلارنى ئىللىق سەپەرگە چىقىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ كۇن.

   سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پويىز كۈتۈش زالىدىكى قاينام - تاشقىن كەيپىيات يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. نۇرغۇن ئورۇن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ئۆيگە قايتىش يولىڭىزنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ، خۇشال كۈلكە سادالىرى قايتىش سەپىرىڭىزگە ھەمراھ بولىدۇ» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى پويىز كۈتۈۋاتقان يولۇچىلارغا شادىيانە ناخشا-ئۇسسۇللارنى تەقدىم قىلدى؛ چۇنليەن، «福» خېتى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى نۇرغۇن يولۇچىنى جەلپ قىلدى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى قەلەم تەۋرىتىپ، نەق مەيداندا «福» خېتى ۋە چۇنليەن يېزىپ، ئۆيىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان يولۇچىلارغا سوۋغا قىلدى.

   «ماڭا <福> خېتى يېزىپ بەرسىڭىز» دېدى سىچۇەن گۇاڭيۈەنگە ماڭغان يولۇچى جاۋ جۈخۇا كىشىلەر ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ.

   47 ياشلىق جاۋ جۈخۇانىڭ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 23 يىل بوپتۇ، ھەر يىلى باھار بايرىمىدا، ئۇ چوڭ-كىچىك سومكىلارغا قاچىلانغان شىنجاڭ سوۋغىلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدىكەن. «بۇ يىل مەن بەختنى ئۆيۈمگە ئېلىپ ماڭدىم» دېدى ئۇ سىياھ ئىزى قۇرۇمىغان ئىككى پارچە «福» خېتىنى كۆتۈرۈپ خۇشال ھالدا.

   باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى يېقىشلىق مۇلازىمەت، ئىنچىكە كاپالەت ۋە تولۇپ تاشقان ئىللىقلىق بىلەن يۇرتىغا قايتىدىغان يولۇچىلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. پويىزلارنىڭ ۋوگزالدىن ئارقا-ئارقىدىن يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، يولۇچىلار باھار بايرىمىلىق تىلەكلەرنى ئېلىپ، يىراقتىكى ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.