1-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنشور يېزىسى يېڭى بوستان كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا، نەچچە مىڭ دانە دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان كۈل رەڭ تۇرنا توپ-توپ بولۇشۇپ يۈرەتتى، بەزىلىرى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوزۇق ئىزدىسە، بەزىلىرى بوينىنى سوزۇپ سايرىشاتتى، يەنە بەزىلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، ئۇلارنىڭ قامىتى ئەتراپتىكى ئېتىزلار، يىراقتىكى چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، «تۇرنىلار سەھرادا ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ئادەم بىلەن قۇشلار ئىناق بىللە ئۆتىدىغان» گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلىپ، خوتەن ناھىيەسى ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق دەلىلىگە ئايلانغانىدى. (ئاپتورلار خەن لى، ئابدۇخالىق ئوبۇل، لوقمان يۈسۈپ ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






