تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باشلىنىش يىلىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە دىققەتنى كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ يۈەن

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە دىققەتنى بۇ تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ يېڭى ئەۋزەللىكى ئارقىلىق كەلگۈسى تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشنىڭ ئېنىق سىگنالىنى تارقاتتى.

كەلگۈسى كەسىپلەرگە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار تۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، بىيوياسىمىچىلىق، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو يىغىلىش ئېنېرگىيەسى، مېڭە - ئۈسكۈنە ئۇلاش، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، 6 - ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ساھەلەر دەل كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: بۇلتۇر 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، دىققەتنى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»كە مەركەزلەشتۈردى؛ شاڭخەيگە بېرىپ «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى؛ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش»نى تەكىتلىدى.

2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشانلىغاندا، «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش» باش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. كەلگۈسى كەسىپلەر زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىساد خەرىتىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلىنى قايتا يارىتىدۇ.

بۇ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلدى −

«كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

2025 - يىلى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىنىڭ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %40تىن ئاشتى. دۆلىتىمىزدە بار بولغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كارخانىلىرىنىڭ سانى 6000دىن ئاشتى، كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كۆپ نۇقتىدىن جانلاندى، بىيوياسىمىچىلىق تىرىليون دەرىجىلىك كەسىپكە قاراپ قەدەم قويدى، مېڭە - ئۈسكۈنە ئۇلاش تېخنىكىسى ئادەم مېڭىسىگە كۆچۈرۈلىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىردى... كەلگۈسى كەسىپلەر كۈچ توپلاپ ۋە كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئۈزۈلدۈرمەي يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.

كەلگۈسى كەسىپلەرنى قانداق پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى:

ئىلمىي پىلانلاشقا، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: دىققەتنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى، ئامىل تىرىكى شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش كېرەك؛ كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

بۇ بىزدىن دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا يولىنى ئىلمىي دەلىللەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەر، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بىلەن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشنى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

«كەسىپلەر سوئال چىقىرىش، پەن - تېخنىكا جاۋاب بېرىش»تە چىڭ تۇرۇلىدۇ −

پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش دەرىجىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى، كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش»نى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش» «نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىش» «پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش يولى، يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلىدۇ −

«كۆپلىگەن كەلگۈسى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كارخانىلارنىڭ قەدەممۇقەدەم بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، كارخانىلارنى يادرو قىلغان، كۆپ تەرەپ ماسلاشقان كەسىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ سىجىل تۈردە ئالدىنقى قاتار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ساھەلەرگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ −

كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ دەۋرىيلىكى ئۇزاق، بازار خەۋپ - خەتىرى چوڭ بولۇپ، تەرەققىياتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ھۆكۈمەت ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك» ۋە «ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

بىر تەرەپتىن، مالىيە - باج قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى كەلگۈسى كەسىپلەر ئەتە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ، ئۆگۈنلۈككە تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كەلگۈسىنى ئېچىشتا ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.