تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جياۋلۇڭ» ئۆيگە قايتتى، مەڭگۈ خۇشپۇراق چاچىدۇ

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بىر تۈپ جۇڭگو ئەتىرگۈلى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، گۈزەل يۈننەندىن تىيانشان ئېتىكىگە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن جياۋلۇڭ دېگەن نامى بار. پۈتۈن توردىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ «قوغداپ يەتكۈزۈش»ى بىلەن، چەكسىز سېغىنىش مۇجەسسەملەنگەن بۇ «جۇڭگو ئۆزىكى» بولغان جۇڭگو ئەتىرگۈلى تۈمەنلىگەن يۈننەن گۈللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، خۇش پۇراققا تولغان بىر مەيدان ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىدى.

«جياۋلۇڭ» يىراق سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يەنە بىر خىل قويۇق خۇش پۇراق تارقالدى.

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 2025 - يىللىق شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا خې جياۋلۇڭ «ھاياتى بەدىلىگە خەلقچىل ھېسسىياتنى ئەمەلدە كۆرسەتتى» دەپ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى؛ 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنى يېپىلىش پەيتىدە، كۆپلىگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۇنى بارلىق كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى دەپ ئاتىدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشتىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىگىچە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر تەرىپلىشى بىلەن گۈل - گىياھلارنىڭ خۇش پۇرىقى نەپىس گىرەلىشىپ، خې جياۋلۇڭنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان روھىي پەزىلىتى گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئىچىدە تېخىمۇ جۇلالاندى.

«جياۋلۇڭ» تور بوشلۇقىدا قىممەت قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان خۇش پۇراق تارقاتتى.

«جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلىگە نام بېرىش ۋە ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىش تۈمەنلىگەن تورداشنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر قېتىملىق كوللېكتىپ تاللاش بولدى. ئىسىم توپلىغاندا «جياۋلۇڭ» دېگەن ئىككى خەت ئېكراننى قاپلاشتىن بۇ قېتىمقى «ئۆيگە قايتىش» ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقىچە، بۇ، تورداشلارنىڭ چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك قىممەت قارىشىغا بولغان قەتئىي ئىنتىلىشىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

بۇ ھېسسىيات بىر ياخشى كادىردىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولغان ئۆكۈنۈش بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ ئالىيجاناب پەزىلەت، ساپ ئەسلىي مەقسەتكە بولغان ئېستېتىك غايىسىگە ماس كېلىدۇ. تور ئۇچۇرى دېڭىزىدا، «جياۋلۇڭ» خۇددى بىر نۇرلۇق يول باشلاش چىرىغىدەك، نېمىنىڭ ئەستە چىڭ ساقلاشقا، مەدھىيەلەشكە، ئىنتىلىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بەردى. بۇ «جۇڭگو ئۆزىكى» بولغان جۇڭگو ئەتىرگۈلىدىن تارقالغىنى دەل جۇڭگو تور بوشلۇقىدىكى ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىممەت خۇش پۇرىقى.

«جياۋلۇڭ» قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان ئورتاق ھېسسىيات خۇش پۇرىقىنى تارقاتتى.

«جياۋلۇڭ» يۈنلىڭ بىلەن تىيانشاننىڭ دوستلۇق رىشتىنى باغلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ ئورتاق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى. «جياۋلۇڭ»غا نام بېرىشكە دائىر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئاستى تەرىپىگە، ئىلىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەتچىسى قالدۇرغان «يۈننەنلىك دوستلار كەلسە، مەن %50 ئېتىبار قىلىمەن» دېگەن سۆز بىلەن يۈننەنلىك بىر تورداش قالدۇرغان «شىنجاڭلىق دوستلار كەلسە، مەن يول باشلىغۇچى بولىمەن» دېگەن ئەگەشمە سۆز تاشقىن كەبى ئالقىشقا ئېرىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ جانلىق، ئەڭ مىكرو ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. بۇ جۇڭگو ئەتىرگۈلى يۈننەننىڭ پەن تەتقىقات تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھېسسىيات ئورتاق تونۇشى بويىچە نام بېرىلىپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مەنىۋى ماكانىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

«جياۋلۇڭ» يۈننەن بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينى تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو زېمىنىنى تۇتاشتۇردى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، قان - قېرىنداش بولىدىغان ئىللىق خۇش پۇراقنى ھەممە جايغا تارقاتتى. بۇ مەيدان كوللېكتىپ ھېسسىياتنىڭ ئاتلىنىشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەڭ ئىللىق، ئەڭ تەبىئىي ئوزۇقلاندۇرۇشتۇر.

ھەممە ئائىلىدە گۈللەر ئېچىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنىڭ قويۇق خۇش ھىدى چېچىلدى.

كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇكى، «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلى بىلەن بىرلىكتە يېتىپ كەلگەن 10 مىڭ تال يۈننەن گۈلى ئاددىي كىشىلەرگە سوۋغا قىلىنىپ، باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئاددىي ئائىلىلەرگە باھار تۈسى ۋە جەم بولۇش ئىللىقلىقى بېغىشلايدۇ.

بۇ بىر ئىنتايىن ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، شەخسكە مەدھىيە ئوقۇشتىن ئومۇميۈزلۈك غەمخورلۇق قىلىشقىچە، ھېسسىيات جەھەتتە ياد ئېتىشتىن رېئال تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشكىچە بولغان يۈكسىلىشنى تاماملىدى. ئاشۇ بىر تۈپ ئالاھىدە «جياۋلۇڭ» مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن خې جياۋلۇڭنىڭ ئورنىدا موڭغۇلكۈرە تۇپرىقى بىلەن جەم بولۇشنى تاماملايدۇ. ئەمما ئاشۇ 10 مىڭ تال يۈننەن گۈلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتى ۋە بەخت - تىلىكىنى ئېلىپ، خې جياۋلۇڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە سىڭدۈرىدۇ.

ۋاپات بولغانلار بىزدىن ئايرىلدى، گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. 10 مىڭ تال يۈننەن گۈلى يىراق سەپەرگە ئاتلاندى، يەنە بىزگە ھازىرنى قەدىرلەشنى، ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىش داۋامىدىكى ئىسسىق - سوغۇقنى قەدىرلەشنى، كاتتا بايرامدا جەم بولغاندىكى بەخت ۋە ئىللىقلىقنى قەدىرلەشنى، تەستە قولغا كەلگەن گۈللەنگەن، تىنچ دەۋرنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئەسكەرتتى. بۇ گۈللەرگە شەخسنىڭ كۈرەش قىلىشى دۆلەت تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇش، شەخسنىڭ تەقدىرى ھەممە ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى بىلەن ئورتاق رىتىمدا بولۇشتەك چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ھېسسىيات مۇجەسسەملەنگەن.

«جياۋلۇڭ» ئۆيگە قايتتى. كىشىلەر سېغىنىدىغان خې جياۋلۇڭ مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان بىر تۈپ جۇڭگو ئەتىرگۈلىگە ئايلىنىپ، ئۇ چوڭقۇر سۆيگەن تۇپراقتا يىلتىز تارتىدۇ، شۇنداقلا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىدۇ. ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى روھقا بولغان مەدھىيە، قىممەت ئورتاق ساداسى، يۇغۇرۇلغان ئىللىق ھېسسىيات، دۆلەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بولۇپ، گىرەلىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ تەسىرلىك مەنىۋى مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خۇش پۇراق بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى قەتئىي ئېتىقادى، بۇ تۇپراقتا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ، كىشىلەرنىڭ تۆھپە قوشقۇچىلارغا بولغان ئۆچمەس خاتىرىسى.

گۈل - گىياھلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمما روھ مەڭگۈ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. بۇ خۇش پۇراقتىن ھۇزۇرلانغاندا، بىز ۋاپات بولغان بىر ئۈلگىنى ياد ئېتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باھارغا قاراپ، كەلگۈسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى قوبۇل قىلىمىز. بۇ دەل «جياۋلۇڭ»نىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشى بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك خۇش پۇراق.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.