تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلى موڭغۇلكۈرەگە قاراپ يولغا چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى، كۇنمىڭ، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، سۇڭ ۋېيگو خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئالاھىدە خاتىرىلەش ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر دوستلۇق مۇجەسسەملەنگەن جۇڭگو ئەتىرگۈلى يېڭى سورتى «جياۋلۇڭ» يۈننەن كۇنمىڭدىن يولغا چىقتى، 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدىن ھالقىپ، خې جياۋلۇڭ ھاياتى بەدىلىگە قوغدىغان مېھىرلىك تۇپراق − شىنجاڭ ئىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن گېزىتى تاراتقۇ گۇرۇھى مەيدانىدىكى ياڭگۇاڭ مەركىزىي زالىدا ھەر خىل يۈننەن گۈللىرى يېقىملىق گۈل مەنزىرىسى ھاسىل قىلغانىدى، سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇلغان سۈزۈك ياكېلى قوغداش قېپى پۈتۈن مەيداندىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى.

بۇ قاپقا يۈننەن بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەنىدى: تەگلىكىدىكى گۈل لېيى پال - پال قەغەزگە چىڭ ئورالغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاپئاق قارلىق تاغلارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى نامايان قىلىنغانىدى؛ ئۈستىگە يېشىل مۇخلار يېيىلغان بولۇپ، چۆل - باياۋاندا قەيسەرلىك بىلەن ياشناۋاتقان بوستانلىققا سىمۋول قىلىنغانىدى؛ ئەتراپى قۇمرەڭ، گىل رەڭدىكى يانداش گۈللەر بىلەن بېزىلىپ، چېگرا رايون كەڭ تۇپرىقىنىڭ تۈزۈلۈشى نۇسخىلانغان، ئېگىز - پەس بىر - بىرىگە بېقىشىپ تۇرغان ئىككى تۈپ «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلى يۈننەن بىلەن شىنجاڭنىڭ بۇ كىچىكلىتىلگەن گۈزەل مەنزىرىسىدە كۆركەم قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

بۇ تۈپ «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلى يۈننەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۈل - گىياھ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈپ چىققان قىممەتلىك نەتىجىسى، نۆۋەتتە ئەي بولۇپ ساقلىنىپ قالغىنى ئاران 14 تۈپ بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلگەن نام بۇنىڭدىن ئىلگىرى جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر - تەكلىپ توپلاش ئارقىلىق كەلگەن بولۇپ، قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە 21 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق تاللاپ بېكىتىلگەن.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال يۈننەن تەرەپ بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئالاقىدار خادىملارنى يۈننەنگە بېرىپ، «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلىنى بىرلىكتە ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تەشكىللىدى.

بۇ بىر قېتىملىق ئاددىي ھالدىكى گۈل - گىياھ توشۇش بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان پەن - تېخنىكىنى قانات قىلغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك قوغداپ يەتكۈزۈش بولدى. يۈننەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۈل - گىياھ تەتقىقات ئورنى ئاقىل گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى سەي يەنفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلىنى يىراق مۇساپىنى بېسىپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يەنىلا ئەڭ ياخشى ھالەتتە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كوللېكتىپىمىز ئالاھىدە بەلگىلەنگەن يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ۋە مۇھىت تىزگىنلەش لايىھەسىنى قوللىنىپ، گۈل تۈپىنىڭ توشۇش جەريانىدا يېڭى تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«<جياۋلۇڭ> دېگەن نام ھەم سورتنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ، ھەم ئۆز ھاياتى ئارقىلىق خەلقچىل ھېسسىياتنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن يولداش خې جياۋلۇڭنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.» سەي يەنفېي مۇنداق دېدى: گۈلگە بېغىشلانغان «قىزغىن ئىشتىياق بولغاندا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ» دېگەن سۆز يولداش خې جياۋلۇڭ ھايات ۋاقىتتىكى دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەزمۇندىن تاۋلاپ ئېلىنغان بولۇپ، قىزغىن مۇھەببەت ئۈچۈن چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن.

نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى موڭغۇلكۈرە تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا بالدۇرلا ياخشى تەييارلىق كۆردى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ماياك زىيالىي ياشلار سارىيىدا خې جياۋلۇڭنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە زالى يېپيېڭى بېزەلگەن بولۇپ، تامغا ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشقا دائىر قىسقا ھېكايىلىرى ئويۇلغانىدى، كۆرگەزمە ئىشكاپىغا ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدىكى ئەمەلىي بۇيۇملىرى تىزىلغانىدى، كۆرگەزمە زالىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئالايىتەن بىر گۈل سۇپىسى قالدۇرۇلغان بولۇپ، «جياۋلۇڭ» جۇڭگو ئەتىرگۈلىنىڭ كېلىشىنى جىمجىت كۈتۈپ تۇراتتى. «موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما بۇ گۈلنى ھەر كۈنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى.» موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاينا يۆجىن مۇنداق دېدى: «بىز گۈلنىڭ خۇش ھىدى ئارقىلىق قايغۇلۇق ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەپ، گۈل روھى ئارقىلىق روھنى ئەستە ساقلاپ، يولداش خې جياۋلۇڭنىڭ خەلق خىزمەتكارى بولۇش ھېسسىياتى، كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى موڭغۇلكۈرەنىڭ ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىغا سىڭدۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى داۋاملىق ئەمەلىي ئىشلەپ، چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز».

مۇراسىم نەق مەيدانىدا، يۈننەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۈل - گىياھ تەتقىقات ئورنى سورت يېتىشتۈرۈش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى قوغداش قېپىنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ۋەكىلىنىڭ قولىغا تەنتەنىلىك تاپشۇرغاندا، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، پەقەت تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىغان دوستلۇق مېھرى ھاۋادا تارىلىپ تۇراتتى − بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇشتا تاپشۇرۇلغىنى يۈننەن تۇپرىقىنىڭ قويۇق دوستلۇقى بولدى؛ بۇ قېتىمقى ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆتكۈزۈۋېلىنغىنى چېگرا رايون ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھۆرمىتى بولدى.

4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ھالقىغان بۇ «جياۋلۇڭ» بالدۇرلا گۈل - گىياھنىڭ ئۆز ئەھمىيىتىدىن ھالقىپ، يۈننەن بىلەن شىنجاڭ قەلبداش بولۇشتىن ئىبارەت مەنىۋى رىشتىگە، ئۆزىنى بېغىشلاش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى. ئۇنىڭغا خې جياۋلۇڭغا بولغان چوڭقۇر ياد ئېتىش مۇجەسسەملەنگەن، ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش چوڭقۇر ھېسسىياتى تېخىمۇ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، «قىزغىن ئىشتىياق بولغاندا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ» دېگەن ئېتىقادنى چېگرا رايون تۇپرىقىدا مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مېھىرلىك تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرى، كۈرەش قىلىش گۈللىرىنى ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىدا دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.