تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈچنى مۇجەسسەملەپ مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق سىزىپ چىقايلى

□شىن شىجيەن

2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە بولغان ئىنتىزارلىق ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى، يىغىندا مۇجەسسەملەنگەن قەلبداشلىق ساداسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يەنىلا ئۇزاققىچە ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ھاياتى بەدىلىگە خەلقچىل ھېسسىياتنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن خې جياۋلۇڭ» تىلغا ئېلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش چوڭقۇر ئاساسىغا گۇۋاھ بولدى؛ ئەزا ئامىنە ئورازغالى «تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 330 مىڭ ئائىلە ئىچىدە 11 مىڭ ئائىلە كۆپ مىللەتلىك ئائىلە» دېگەن جانلىق مىسال ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ھەربىر گۇرۇپپا پۇختا سانلىق مەلۇمات، ھەربىر كونكرېت ئەمەلىي نەتىجە شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشىدىكى مەزمۇت ئىزلارنى سۈرەتلەپ بەردى... ئىككى يىغىندىن كەلگەن بۇ سادا ۋە ھېكايىلەر شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»تىن ئىبارەت جانلىق گۈزەل مەنزىرىنى بارغانسېرى جۇلالاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. ئىككى يىغىننى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بۇ ئاساسىي لىنىيەنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يەلكەن چىقىرىپ، مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق سىزىپ چىقىش جەزمەن ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىكى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۇقۇمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، 2023 - يىلى 8 - ئايدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دەپ تەكىتلىدى، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلىدى. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر شىنجاڭنى باشقۇرغان، ئىدارە قىلغان ۋە شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخىي پاكىتنى تولۇق نامايان قىلدى. «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ھەر مىللەت قەلبداش بولغان، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلغان، بىر مەقسەتتە بولغان، كۈچنى مۇجەسسەملىگەن تەسىرلىك مېلودىيەنى پۈتتى. ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سىجىل كېڭەيدى، رايون ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئامما قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى كۈچەيتتى، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇزۇش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، جەزمەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.