تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە 7 مىليون توننا قارا ئالتۇن «كارىدور» ئارقىلىق تاغدىن چۈشۈرۈلىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

«ئاڭلاڭ، كۆمۈر توشۇش كارىدورى ئايلىنىۋاتقاندىكى ئاۋاز نېمىدېگەن سىلىق.» 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى بوشلۇقتا كۆمۈر توشۇش كارىدورىدا، 48 ياشلىق ئارداق دۆۋلەت ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. شۇ كۈنى، كۆمۈر توشۇش كارىدورىدا قەرەللىك يۈكسىز سىناق ئېلىپ بېرىلدى.

كۆك ئاسمان ئاستىدا، ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان كۆمۈر توشۇش كارىدورى قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا يېيىلىپ تۇرغان بولۇپ، قارلىق دالا باغرىدا كۈمۈش رەڭلىك نۇر چېچىپ تۇراتتى.

ئارداقنىڭ ئۆيى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسىنىڭ دوڭگوۋ كەنتىدە بولۇپ، ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسى جيۇجوۋ خېڭچاڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر توشۇش كارىدورىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈش خادىمى.

ئارداق ئېيتقان كۆمۈر توشۇش كارىدورى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر توشۇش كارىدورى ھەم كۆمۈر ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 700 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، كۆمۈر توشۇش كارىدورىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 34.5 كىلومېتىر، لايىھەدىكى يىللىق توشۇش مىقدارى 7 مىليون توننا بولۇپ، تاغ - دەريا، ئوتلاقلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، بىر ئاساسىي كارىدور ۋە ئۈچ تارماق لىنىيە ئارقىلىق قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىدىكى نۇقتىلىق كۆمۈركانلار تۇتاشتۇرۇلغان.

شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى كۆمۈر توشۇشتا ئاپتوموبىل ئىشلىتىلىدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن كۆمۈر توشۇش كارىدورى ياسىلىدۇ؟

«كۆمۈر توشۇش كارىدورى ياساشتىكى مەقسەت كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىش ئۈچۈندۇر.» قۇتۇبى ناھىيەسى جيوۋجوۋ خېڭچاڭ تەمىنلەش زەنجىرى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مېڭ خېشىن مۇنداق دېدى: قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوننىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى 7 مىليارد 490 مىليون توننىغا يېتىدۇ، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 16 مىليون 530 مىڭ توننا، نۆۋەتتىكى كۈندىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 11 مىڭ توننا بولۇپ، 300دىن ئارتۇق كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلى بىلەن كېچە - كۈندۈز توشۇغاندا، ئاندىن بۇ «قارا ئالتۇن»نى تاغ ئېتىكىگە توشۇغىلى بولىدۇ.

«كۆمۈر كان تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، توشۇش يولىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئاپتوموبىلدا كۆمۈر توشۇشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆپ بولۇپلا قالماي، كېرەكسىز گاز، كۆتۈرۈلگەن چاڭ - توزان يەنە مۇھىتنى بۇلغايدۇ.» مېڭ خېشىن مۇنداق دېدى: يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، كۆمۈر توشۇش تاشيولى بىلەن S101 ساياھەت مەنزىرە يولى تۇتىشىدۇ، كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەت ئاپتوموبىلى بىللە قاتنىسا، ھەم كۆمۈر توشۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەم شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ.

مېڭ خېشىننىڭ بۇ سۆزىگە نىسبەتەن ئارداق بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئارداق نۇرغۇن خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ھەممىسىدە «كۆمۈر» بىلەن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، پەقەت ھازىرقى بۇ خىزمىتىدىن ئىنتايىن رازى.

«ياش ۋاقتىمدا، مەن كۆمۈر كاندا پارتلىتىش ئىشچىسى، قېزىش ئىشچىسى بولغان، كېيىن يەنە ئالتە يىل كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلى ھەيدىدىم، ئەينى چاغدا تاسادىپىيلىق يۈزبېرىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە تەشۋىشلىنىپلا يۈرەتتىم.» ئارداق يىراقتىكى تاغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تاغ يولىدا مېڭىش تەس، قار - يامغۇرلۇق كۈنلىرى تېخىمۇ تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، مەن بىرقىسىم شوپۇرلار ھەيدىگەن ئاپتوموبىللارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش، ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن».

2020 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغلىق رايوندىكى دالىدا كۆمۈر توشۇش كارىدورى 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى پۈتتى ھەم تۇنجى قېتىم ئېغىر يۈكلۈك كۆمۈر توشۇشنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى، 3000 توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قۇدۇق ئېغىزىدىن كۆمۈر توشۇش كارىدورى ئارقىلىق تاغ ئېتىكىدىكى كۆمۈر ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى مەركىزىگە ئوڭۇشلۇق توشۇلدى، «كۆمۈر توشۇغاندا كۆمۈرنى كۆرگىلى بولماسلىق، كۆمۈرنى بوشلۇقتىن توشۇش» رېئاللىققا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا كۆمۈر توشۇش يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى.

كۆمۈر ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى مەركىزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەركەزلىك كونترول قىلىش زالىدا، مەركەزلىك كونترول قىلىش مەخسۇس خادىمى بەي چېن پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئېكرانغا تىكىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، «كۆمۈر توشۇش كارىدورىدا تولۇق يېپىق شەكىلدىكى تاسمىلىق توشۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، سائىتىگە 1350 توننا كۆمۈر توشۇلىدۇ، بۇ بىر مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا، كېرەكسىز گاز قويۇپ بەرمەيدىغان 30 نەچچە توننىلىق كۆمۈر توشۇيدىغان ئېغىر تىپتىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كان قۇدۇقىدىن تۈگۈن مەركىزىگە يېتىپ بارغىنىغا باراۋەر».

كۆمۈر ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى مەركىزىدە، 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ساقلايدىغان ۋاقىتلىق ئامباردىن ئۈچى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ھەم تۈگۈن مەركىزىدىكى ئاپتوموبىللارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. تاغلىق رايوندىكى ھەرقايسى كۆمۈر كانلاردىن قېزىلغان كۆمۈر كۆمۈر توشۇش كارىدورى ئارقىلىق ۋاقىتلىق ساقلاش ئامبىرىغا توشۇلغاندىن كېيىن تۈرگە ئايرىپ ساقلىنىدۇ، ئاندىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئاخىرقى ئۇچتىكى خېرىدارلارغا توشۇلىدۇ.

مېڭ خېشىن مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: كۆمۈر توشۇش كارىدورىنىڭ پۈتۈشى بىلەن تاغلىق رايوندىكى كۆمۈرنى تۆت پەسىلدە ھەر ۋاقىت توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، توشۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە كۆمۈر ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى %10تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاپتوموبىللارنىڭ كۆمۈر توشۇش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى تۈگىتىلدى، كۆمۈر توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشى ۋە چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 40 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدى، تەخمىنەن 1860 توننا ئازوت ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلدى.

شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي شىگوۋ كۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈر كېنى كۆمۈر توشۇش كارىدورىدىكى ئۈچ تارماق لىنىيەنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسىدىكى ئورۇنغا جايلاشقان.

«كۆمۈر توشۇش كارىدورى بولغاچقا، پەقەت بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا كۆمۈرنى قۇدۇق ئېغىزىدىن تۈگۈن مەركىزىگە توشۇغىلى بولىدۇ.» شىركەت باش دىرېكتورى جوۋ يەنشيا مۇنداق دېدى: كۆمۈر توشۇش كارىدورىنىڭ پۈتۈشى كۆمۈر كانغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شىركىتىمىز كان رايونىدا ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە مېھمانسارىيى سېلىپ، يېشىل، باغچىلاشقان كان بەرپا قىلىپ، كان ساياھىتى ۋە ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى.

كۈن غەربكە پاتقاندا، كۆمۈر توشۇش كارىدورى كەچكى شەپەق نۇرىدا ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. بىر كۈنلۈك چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئارداق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كۆمۈر توشۇش كارىدورى يېنىدىكى تاشيولنى بويلاپ ئۆيىگە قايتتى، يىراقتىكى قارلىق تاغ جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، يېقىندىكى ئوتلاقتا تىنچ، خاتىرجەملىك نامايان بولۇپ تۇراتتى، گۈزەل يۇرتى كۆز ئالدىدا ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.