2025-يىلى، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇ مەبلەغ قايسى تەرەپلەرگە سېلىندى؟ قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ بۈگۈنكى «رەقەم ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش» سەھىپىمىز بۇنىڭغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىدۇ.

2025-يىلى، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئېشىپ، سېلىنما كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، تۈرلەر تۇتۇلدى، سېلىنما ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇرۇلما ئەلالاشتۇرۇلدى، پۈتۈن يىللىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمدىن ئاشتى
شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى 2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %54.9ىنى ئىگىلەپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 4.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا
نېفىت، كۆمۈر ۋە باشقا يېقىلغۇ پىششىقلاش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ
2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.3 ھەسسە ئاشتى
توقۇمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ
2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.1 ئاشتى
خىمىيەلىك خام ماتېرىيال ۋە خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ياساش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ
2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشتى
ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئاشتى
شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، 2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.6 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %21.9ىنى ئىگىلەپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇنىڭ ئىچىدە
ئۇچۇر يەتكۈزۈش، كومپىيۇتېر مۇلازىمىتى ۋە يۇمشاق ماتېرىيال كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ
2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.1 ئاشتى
قاتناش-تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ
2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.0 ئاشتى
سۇچىلىق، مۇھىت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ
2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى
خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇتۇلدى
خەلق ئىچى سېلىنمىسى 2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى
خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %38.9كە يېتىپ، سانائەت سېلىنمىسى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، 4.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشتى
چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
شىنجاڭ چوڭ-چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇشقا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 1 مىليارد يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈلگەن قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ-چوڭ تۈرلەر 944كە يەتتى، بۇ غايەت زور تۈرلەردە تاماملانغان مەبلەغ سېلىش سوممىسى 2024-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %81كە يېتىپ، مۇتلەق يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى.
2025-يىلى
شىنجاڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ
دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى
جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ
يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچ قىلىپ
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان
ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى پۇختا پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ
كۆزنى چاقنىتىدىغان تەرەققىيات جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى
نازارەتچى: دىڭ تاۋ
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: ۋاڭ لېي
پىلانلىغۇچى: جى جوۋ
مۇھەررىر: ۋاڭ دۇڭشېڭ
ئىشلىگۈچى: جاۋ جىڭ
شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئىشلىگەن
يېتەكچىلىك قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى






