9624 مېتىر
تارىم ئويمانلىقىدىكى نىشانلىق قۇدۇقتىن ئەۋرىشكە ئېلىشتا مەملىكەت رېكورتى يارىتىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تارىم ئويمانلىقىدىكى لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان چىڭيۈ 201 - قۇدۇقىدىن ئۇزۇنلۇقى 4.63 مېتىر كېلىدىغان تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىندى، ئەۋرىشكە ئېلىنغان قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9624 مېتىر، قۇدۇق يانتۇلۇقى 50 گىرادۇس بولۇپ، دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭقۇر نىشانلىق قۇدۇقتىن ئەۋرىشكە ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى.
1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سەھەردە، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى چۇەنچىڭ بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى بۇرغىلاش - قېزىش قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى بۇرغىلاش - قېزىش پەن - تېخنىكا شىركىتى بۇرغىلاپ ئەۋرىشكە ئېلىشنى باشلاپ، ئاخىرىدا ئوردوۋىك سىستېمىسى يىڭشەن گۇرۇپپىسىنىڭ 9619.36 مېتىردىن 9624 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇر قۇدۇق بۆلىكىدىن تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلاپ ئالدى. «ئىلگىرى، بىز تارىم ئويمانلىقىدىكى 10 مىڭ مېتىرلىق ئىككى قۇدۇقتىن تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسى ئالغان، لېكىن 10 مىڭ مېتىرلىق بۇ ئىككى قۇدۇقنىڭ ھەممىسى تىك قۇدۇق ئىدى، بۇ قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىنغان قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى گەرچە 9600 مېتىردىن كۆپرەكلا بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر يانتۇ قۇدۇق.» چۇەنچىڭ بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش بۇرغىلاش - قېزىش تەتقىقات ئورنى بۇرغىلاش - قېزىش پەن - تېخنىكا شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى خې لياڭ مۇنداق دېدى: چىڭيۈ 201 - قۇدۇقىنىڭ يانتۇلۇقى چوڭ، قۇدۇق كۆزى يولى مۇرەككەپ، قۇدۇق كۆزىنىڭ بۇرغىلاش سايمانلىرىغا بولغان سۈركىلىش قارشىلىقى چوڭ بولۇپ، ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە ناھايىتى زور سىناق ئېلىپ كەلدى.
تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىش ئۈچۈن، چۇەنچىڭ بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش بۇرغىلاش - قېزىش تەتقىقات ئورنى ئالاھىدە ياسالغان ئەۋرىشكە ئېلىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەپ چىقتى، تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسى تۇتقۇچىنىڭ ماتېرىيالى ۋولفرام كاربىد بولۇپ، ئېلىنغان تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ. تېمپېراتۇرىسى 183 سېلسىيە گىرادۇسقا، بېسىمى 165 مېگا پاسكالغا يېتىدىغان قۇدۇق ئاستىدا، ئەۋرىشكە ئېلىش ئىنژېنېرلىرى تۈرلۈك قۇدۇق بۇرغىلاش پارامېتىرلىرىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەڭشەپ تىزگىنلەپ، تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇدۇق نۇرىغا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسىنىڭ قۇدۇق نۇرىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن «2 - قېتىم زەخىملىنىشى»دىن ساقلاندى.
1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، نەچچە يۈز مىليون يىلدا شەكىللەنگەن تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسى يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئىنژېنېرلارنىڭ چىرايىغا ئاخىر كۈلكە يۈگۈردى. «بۇ قېتىمقى ئەۋرىشكە ئېلىش خۇددى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن بۇرغىلاش دەستىسىنى <يىپ>، ئەۋرىشكە ئېلىش ئەسۋابىنى <يىڭنە> قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، 10 مىڭ مېتىرغا يېقىن چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىغا <گۈل كەشتىلىدۇق>، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسى <كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىشى> ياكى قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.» خې لياڭ مۇنداق دېدى: چىڭيۈ 201 - قۇدۇقىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى %99.8 بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.
چىڭيۈ 201 - قۇدۇقىنى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى داچىڭ نېفىتلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سېلىپ چارلاپ ئاچقان، چۇەنچىڭ بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش بۇرغىلاش - قېزىش تەتقىقات ئورنى بۇرغىلاش - قېزىش پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ تاش قاتلىمى ئەۋرىشكىسى ئېلىشىغا ھاۋالە قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى تاش قاتلىمىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت پارامېتىرىغا ئېرىشىپ، بۇ رايوننىڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، كېيىنكى چارلاش - ئېچىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.






