تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

□شىن شىجيەن

بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، نەتىجىلەر مول بولدى. ئالدىمىزغا نەزەر سېلىپ، كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا تەييارلاندۇق. ئەمدىلا يېپىلغان 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا، ئۆتكەن بەش يىل ھەم 2025 - يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى. ئىلگىرىكى نەتىجىلەر بۈگۈنكى ئىشەنچنىڭ ئۇل تېشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەتىكى تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ پۇختا ئاساسى.

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن نەق مەيدانىدا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى بايان قىلغان ئۆتكەن ئىشلار كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ: 26 يىل ئىلگىرى چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇتلۇق ئاياللار دوختۇرخانىدا ياتقاندا، تۇغۇت ئۆيىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئۆزى كۆمۈر ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى، بۈگۈنكى كۈندە «15 مىنۇتلۇق داۋالاش مۇلازىمەت چەمبىرىكى» يېزا - كەنتلەرنى قاپلاپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ قوغداش دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى. بىر خالتا كۆمۈردىن بىر داۋالىنىش كاپالىتى تورىغىچە، شارائىتتىكى بۇ ئۆزگىرىش ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ «بار بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۇ شۇنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەردىكى: ئەمەلىي ئىشلەپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش دەل تەرەققىياتنىڭ ھارارىتىنى ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا دەل جايىدا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. بۇ «ئەمەلىي» بولۇش ئىلگىرىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئاساسىي رېڭى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى بارلىق پىلانلارنىڭ ئاساسى.

رەقەم ئۈنسىز بولىدۇ، ئەمەلىي نەتىجە ئىز قالدۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا نامايان قىلىنغان نەتىجە قەغىزىدىكى ئاشۇ رەقەملەرنىڭ ھەممىسىدە «ئەمەلىي بولۇش»نىڭ تومۇرى سوقۇپ تۇرغان بولۇپ، «ئىشلەش»نىڭ كۈچى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش»نى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمدە تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.9 ئاشۇرۇش، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك «ئۇدا تۆت قېتىم ھالقىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، بەش يىلدا 22 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە 600 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈشكىچە... بۇ نەتىجىلەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن كەلگەن نەتىجە، ماڭغان قەدەملىرىدىن پۈتۈلگەن ئىزنا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشىدىكى يادرولۇق ئىشەنچ.

قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەسلىك، قۇرۇق نام - ئاتاق قوغلاشماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى يەتتە «يېڭى» − بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالى؛ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى «شىنجاڭ ئەرزىيدۇ» دېگەن خىتاب − ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى؛ ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرى − خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارومېتىرى. پۇختا بولغان ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كەلگۈسى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى ئاچتى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ھەقىقىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەلگەن. كەلگۈسى بەش يىلدا، «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، پەقەت «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يولۋاس بار تاغقا چىقىشقا جۈرئەت قىلىش»تەك دادىللىق، «ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش»تەك چىدامچانلىق، «ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك»تەك جاسارەت ئارقىلىق ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، خەتەرلىك توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، داۋاملىق شان - شەرەپ قازانغىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ئىشلەش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر يول، بارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەر.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، قانداق قىلىش ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىك بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى دەل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى موتور قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ بىر مەقسەتتە بولۇشنى ئاساس قىلىشتۇر. كەلگۈسىدە، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ھەقىقىي ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنىڭ ھەقىقىي كېڭىيىشى، كىرىمنىڭ ھەقىقىي ئېشىشىنى داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئومۇرتقىسىنى تىكلەش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا سۈرئەتنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، جەزمەن بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر نۇقتىغا كۈچەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئات يىلىدا ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، شىنجاڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن شىنجاڭنى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە. «15 - بەش يىل» باشلانغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز «نىشان ئېنىق بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ» دېگەن ئاڭلىقلىق بىلەن، پۇرسەتنى تۇتۇپ، توختىماي كۈرەش قىلىش غەيرىتى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىدا ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بىلەن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى يىغىندا لايىھەلەنگەن «يىرىك پىلان خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسى»دەك ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پەقەت باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغۋار روھنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، تېخىمۇ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان شىنجاڭ مۇقەررەر ھالدا ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان ئارغىماققا ئوخشاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك مۇساپىدە توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.